جون ستون: «2017-2019-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 49 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن»

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 2020-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇندەرىجە قىسمىدا: «بۇ دوكلات خىتايدىكى مەمۇرىي رايونلارنىڭ بۆلۈنۈشىگە ئاساسەن، شۇ رايونلارنىڭ مىللىي ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەققىدە چىقىرىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خۇلاسىسىدۇر. بۇ دوكلات خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەييارلانغان،» دېيىلگەن.

مەزكۇر دوكلات جەمئىي 28 بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 2-بابتا پۈتكۈل خىتايدىكى نوپۇس ئىستاتىسىتىكىسى بېرىلگەن. بۇ بابنىڭ بېشىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ بابتا پۈتۈن خىتايدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شەھەر نوپۇسى ھەم يېزا نوپۇسىنى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان خىتايدىكى ئومومىييۈزلۈك تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ئىستاتسىكىلاشتۇرۇلغان.

خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان نوپۇس سانلىق ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە 3 دىن 2 قىسىم دېگۈدەك ئازايغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر سانلىق مەلۇماتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلى 88.15 پىرسەنت بولغان تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 2019-يىلى 14.8 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇستەقىل ئانالىزچى جون ستون ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھىسابىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىستاتسىتىكىغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ 2010-يىلدىن 2017-يىلغىچە مۇقىم بولۇپ، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە شىددەت بىلەن 49 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جون ستون ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان نوپۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق ئىستاتسىتىكىغا ئاساسلىنىپ، يۇقىرىقى ئانالىزنى چىقارغان ئىكەن. ئۇ رادىيومىزنىڭ بۇ ئانالىز ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «شىنجاڭدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىككى يىلدا يېرىم ھەسسە كېمەيگەن. بۇ ئاڭلىماققا بەك قورقۇنچلۇق. بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس. خىتاينىڭ باشقا ھېچقانداق يېرىدە بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىگەن. ھەتتا شىنجاڭدىكى 50 پىرسەنتكە يېقىن ئاھالىنى تەشكىل قىلىدىغان خەنزۇلارنىڭ نوپۇسىدىمۇ تۆۋەنلەش بولمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تەخمىنەن 50 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. مەن بەزى ناھىيە دەرىجىلىك رايونلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا دىققەت قىلدىم. 99 پىرسەنت ئاھالىسىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان ناھىيەلەردىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 60-65 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.»

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى 2017-يىلدىن كېيىن 65 پىرسەنت ئازايغانلىقى، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق بەزى جايلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشى 80 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسېن رۇسىر، جون ستون ئەپەندىنىڭ تىۋېتتېردا تارقاتقان ئۇچۇرىغا ئىنكاس شەكلىدە مۇنۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشقان: «يېڭىسار ناھىيەسىدە (98.4 پىرسەنت ئۇيغۇر) 2015-يىلى 11 مىڭ 878 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، 2018-يىلىغا كەلگەندە بۇ ناھىيەدە ئاران 4141 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان. خوتەن ناھىيەسىدە (99.4 پىرسەنت ئۇيغۇر) 2015-يىلى 6993 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، 2018-يىلىغا كەلگەندە ئاران 2639 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان. شىخەنزە شەھىرىدە (94. 1 پىرسەنت ئاھالىسى خىتاي) 2015-يىلى 3688 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، 2018-يىلىغا كەلگەندە 4548 نەپەر بوۋاق تۇغۇلغان.»

جون ستون ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بۇ قەدەر تىز تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق تەھلىل قىلغان: «مېنىڭچە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بۇنچىلىك تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلىشى شىنجاڭدا ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن بەلگىسى. تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بۇنچىلىك يۇقىرى نىسبەت بىلەن تېز تۆۋەنلىشى دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇيغۇر ئەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىق؛ يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتىدۇر.»

جون ستون ئەپەندى يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قورقۇنچلۇق ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ھەر خىل چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان: «بەزى كىشىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ‹ساددا› ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئاياللار ھوقۇقى، يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە تېخىمۇ ياخشى مائارىپنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئەمما بۇلار يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىر رايون نوپۇسنىڭ بۇ خىل نىسبەتتە تۆۋەنلىشى ئۈچۈن ئىككى يىل ئەمەس، بەلكى نەچچە ئون يىل كېتىدۇ.»

ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا سىستېمىلىق مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرى تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق كونتول قىلغانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىن 65 پىرسەنت ئازايغانلىقى ھەقىدىكى دوكلاتنى ئادرىيان زېنزنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قېلىش ئارقىلىق رەت قىلغان ئىدى.