خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى 1983-يىلىنىڭ بېشىدا يولغا قويغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ خىتاي ئائىلىسىدىن كۆپ بالىلىق بولۇشىغا يول قويغان، يەنى ئاز سانلىق مىللەت شەھەر ئائىلىلىرى ئىككى بالىلىق بولىدۇ، يېزا ئائىلىلىرى ئۈچ بالىلىق بولسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلدىن كېيىن، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنى تەدرىجىي يېنىكلەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ھەر مىللەت باراۋەر» بولۇش، يەنى بارلىق «شەھەر ئائىلىلىرى ئىككى بالىلىق، يېزا ئائىلىلىرى ئۈچ بالىلىق بولۇش» قائىدىسىنى يولغا قويغانىدى.
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، گەرچە قانۇندا «بارلىق مىللەتلەر باراۋەر» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاياللاردىن تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى تاقاش ئوپېراتسىيەسى ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش ناھايىتى ئاز تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاساسلىق تۇغۇت چەكلەش نىشانىغا ئايلانغان.
پىلانلىق تۇغۇت سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە، 2010-يىلىدىن كېيىن چەتئەللەرگە چىققان 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايالنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىدىن مەلۇم بولغان ئورتاق نۇقتىلار پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرگە ئېغىر ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش، يەنى جەرىمانە تۆلىتىش ھەمدە تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشتۇر.
بۇ ھەقتە 2016-يىلىدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ياشاۋاتقان خەدىچە مۇھەممەت خانىم، يېزا-كەنتلەردە 1990-يىللىرى، ھەر بىر پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىغا ئۇيغۇرلارنىڭ 7-8 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغان بولسا، 2010-يىلىدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ، ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغانلارنى بالا سانىغا قاراپ ئون ھەسسىلەپ يۇقىرى جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، تۆلىيەلمىگەنلەرنىڭ بولسا تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر ھۆكۈمەت پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدا 2006-يىلىدىن-2011 يىلىغىچە ئىشلىگەن، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەھىدە خانىم ھازىرقى پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلار ئۈچۈن ئائىلىلەردىن ئېلىنىدىغان جەرىمانە سوممىسىنىڭ قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان چاغلاردىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا يېزا-كەنت ياكى شەھەردە بولسۇن پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان ھەر بىر بالىغا ئېلىنىدىغان جەرىمانىنىڭ 5 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ساھەدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، خالىغانچە ھەق ئېلىش مەسىلىسىنىڭ ئەينى چاغدىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» شۇنداقلا، خىتاينىڭ يەنە 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تۆتىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» دا ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۇغۇلغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ جەرىمانە ئېلىش بەلگىلىمىسى كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭدا جەرىمانىلەر: «(1) تۇغۇلۇش ئىسپاتى ئالماي تۇرۇپ باشقا بالىنى تۇغۇش شەرتىگە توشىدىغانلاردىن ئالدىنقى يىلدىكى ئومۇمىي كىرىمنىڭ% 30 ئى بويىچە يىغىۋېلىنىدۇ.
(2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە بىر بالىنى تۇغقانلاردىن ئالدىنقى يىلدىكى ئومۇمىي كىرىمنىڭ 1 ھەسسىسىدىن 8 ھەسسىسىگىچە ئېلىنىدۇ. ھەر بىر قوشۇمچە بالىغا باج ئالغاندا ئۈچ قېتىم ئۆستۈرۈلىدۇ. ئومۇمىي ئىقتىسادىي جازا يىللىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، 2010-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان 2 بالىسىغا 20 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگە قەدەر جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايان قىلغان تۈركىيەدىكى ئۈرۈمچىلىك مېھرىگۈلنىڭ بايان قىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا خىلاپ دەپ قارالغان بالىلارغا قارىتىلغان جەرىمانىنىڭ نېمىگە ئاساسسەن بېكىتىلىدىغىنىمۇ ئېنىق ئەمەس بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇل خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىكى قۇلايلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. ئۇمۇ ئۆز ۋاقتىدا تونۇشلىرىغا ئارقا ئىشىك قىلىش يوللىرى ئارقىلىق جەرىمانىنى بىر ئاز بولسىمۇ چۈشۈرۈپ تۆلىگەن ۋە يەنە شۇ يول بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرۇلغانىكەن.
ئەمما لاگېرلار باشلانغاندىن كېيىن، پىلاندىن سىرت پەرزەنتلىك بولغان ئۇيغۇرلار گەرچە بالىسى بىر قانچە ياشقا كىرىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي، مەمۇرىي ۋە قانۇنىي جازادىن قېچىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاتتىق تەقىبلەشكە ئۇچرىغان.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن پاكىستانغا مېڭىش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ 5 ياشقا كىرىپ بولغان قىزى دادىسى چەتئەللىك بولغان بولسىمۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭغا 18 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەش شەرتى بىلەن پاسپورت بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىق كۆرسەتكەنىدى.
2016-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلغان ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئەكبەر ئەپەندى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولسا ئېغىر ئىقتىسادىي جازادىن باشقا ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ مەمۇرىي جازا ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىشتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقى، ئىلگىرى نەچچە ئون مىڭ ۋە ھەتتا يۈز مىڭ يۈەن تۆلەپ ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرغان كىشىلەرنىڭمۇ لاگېر باشلىنىشى بىلەن قايتىدىن تۇتقۇن نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى:
گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق يېقىندا ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
كۆپ تۇغۇش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىش ۋە لاگېرلارغا سولىنىش مەسىلىسى قاراقاش ھۆججەتلىرى شۇنداقلا رادىيومىزدا ئاڭلىتىلغان لاگېر شاھىتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىنمۇ ئاشكارىلانغانىدى.
0:00 / 0:00