دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «قانۇن، سىياسەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى كامبىرىج ژۇرنىلى» نىڭ 2024-يىللىق ئىيۇل سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ئۇرۇنۇشىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپەيمەس قىلىۋېتىش ھەمدە كېمەيگەن نوپۇس بوشلۇقىنى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق تولدۇرۇش بولغانلىقى مەلۇم. ئۇ بۇ خىل ئۇرۇنۇشنى دۇنيا جاھانگىرلىك تارىخىدىكى ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زامانىمىزدىكى قايتا تەكرارلىنىشى، دەپ قارايدۇ.
«ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى» گە قۇربان بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار
ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى نىشان قىلغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ بۇ قەدەر زور تىرىشچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىنىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خاس بولغان بىر قاتار سىياسىي ئەندىشىلەر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش رولىنى ئوينىغان. دەل مۇشۇ خىل سىياسىي ئەندىشىلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. بۇ ھال شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىكى سۆزىدە ئالاھىدە ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى زورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى دۈشمەن كۈچلەرنى تەلتۆكۈس يانجىپ تاشلاش زۆرۈر» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن «زورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچى» لارلا ئەمەس، يەنە «ئىشەنچسىز» بولغانلارنىڭمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە «دۈشمەن» گە ئايلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل سىياسىي ئەندىشىلەردىن خالاس بولۇشنىڭ بىر مۇھىم چارىسى سان جەھەتتە ئاشۇ خىل ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغۇچىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان «ئىشەنچلىك» نوپۇسنى بۇ خىل «تەھدىتلىك نوپۇس» نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش بولغان.
دەل مۇشۇ خىل ئەندىشىلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش بارلىق چارىلەرنىڭ ئەۋزىلى» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار ئىجرا قىلغان ھەمدە قىلىۋاتقان بارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىنى تەتبىقلاشقا مەركەزلەشكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىدىن ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ چىڭ ئىمپېرىيەسى 1884-يىلى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىدە «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى ئىجاد قىلغاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن «چېگرا زېمىننى ئۆزلەشتۈرۈش» نامىدىكى ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى 1949-يىلىغا قەدەر ئىزچىل ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋام قىلغان. نەتىجىدە شۇ ۋاقىتتا بۇ رايوندىكى ئومۇمى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئالتە پىرسەنتنى ئىگىلىگەن خىتاي نوپۇسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ توختاۋسىز نوپۇس كۆچۈرۈش «تىرىشچانلىقى» بىلەن 1978-يىلىغا كەلگەندە 41 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بىڭتۈەننىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى بۇ رايوننىڭ خىتاي كونتروللۇقىدا بولۇشىغا «قوش كاپالەت» بولغان.
لورېنزو ۋېراسىنى (Lorenzo Veracini)، شان روبېرتىس (Sean Roberts) قاتارلىق ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىچە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ باشقا خىل شەكىللىرى ئۆزلىرى مۇستەملىكە قىلغان رايونلاردىكى خەلقنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشنى مۇھىم مەقسەتلەردىن قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ۋىرۇسقا ئوخشاش باشقا بىر ئايرىم ماكاندا ياشايدۇ. ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىدە يەرلىك خەلق ئەمەس، ئەكسىچە زېمىن ۋە بايلىقنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش مۇھىم نىشان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەرقاچان ئۆزلىرى قەدەم ئالغان جايلاردا باكتېرىيەگە ئوخشاش مەۋجۇت بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ جايلاردا ئادەمنىڭ شالاڭ بولۇشى ياكى يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇق «ئېتنىك تازىلاش» نى ئەمەس، ئەكسىچە «زۇلۇم ئوبيېكتى بولغان خەلقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىۋېتىش»، «مەۋجۇت بولۇشنى خالىغۇچىلار خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىش» نى يولغا قويغان. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىدە «چېگرا ۋە ئولتۇراق مۇستەملىكىسى» بىر گەۋدىلەشكەن بولغاچقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتى قىلىش سىياسىتى كەڭ كۆلەم ئالغان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
«ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تاجاۋۇزكارلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، يەرلىك ئاھالىنى ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىپ تاشلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مىللىي تۈركۈمدىكى كىشىلەرنى مەڭگۈلۈككە سەپلەش، شۇ ئارقىلىق ئەسلىدىكى يەرلىك خەلق مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن نوپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشنى ئاداققى مەقسەت قىلىدۇ. قاچانكى مۇشۇنداق بىر يۈزلىنىش باشلانغاندا قىرغىنچىلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى دەسلەپكى قەدەمنى ئالىدۇ. چۈنكى يېڭىدىن ئورۇنلاشقان بۇ مىللىي تۈركۈم ئۈچۈن يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ھەممىلا نەرسىسى بەكمۇ قولايسىز ۋە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى جاھانگىرلىك تارىخىدىكى بەكمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان بىر شەكىل بولۇپ، ئۇنىڭدا يەرلىك خەلقنى ئەسلى ماكانلىرىدىن يۇلۇپ تاشلاش مەقسەت قىلىنىدۇ.»
بۇ بەكمۇ ئۇزۇننى كۆزلىگەن ئىستراتېگىيە!
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بۇ قەدەر زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشى 2017-يىلىغا كەلگەندە يېڭى دولقۇننى كۈتۈۋالغان. شۇ يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت «2022-يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي شىنجاڭغا ئولتۇراقلاشقان كۆچمەنلەر نوپۇسىنى 300 مىڭدىن ئاشۇرۇش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەقسىز تېرىلغۇ يەر بېرىش، ھەقسىز بىنا ئۆي بېرىش، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت بېرىش، ھەقسىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېرىش، قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش دېگەندەك بىر قاتار «ئېتىبار بېرىش چارىلىرى» مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايونغا كەلكۈن باسقاندەك پەيدا قىلغان.
ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى» نى تېخىمۇ مەزمۇت قەدەمدە كېڭەيتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى «ھۆكۈمران مىللەتنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىش» قا مايىل بولغان. بۇنى ئىجرا قىلىش بولسا جىنسىي زوراۋانلىقنى كەڭ كۆلەمگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن لاگېرلاردا ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى جىنسىي جەھەتتىن خورلاش، ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش، ئەرسىز ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە خىتاي ئەرلىرىنى «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى مەجبۇرىي خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش ئەۋج ئېلىپ ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا شارائىت ھازىرلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سېنىڭ نوپۇسىڭ سان جەھەتتە بىزدىن كۆپ بولسىمۇ بىز جىسمانىي جەھەتتە سەندىن قۇدرەتلىك» دېگەن ئۇچۇر كۆپلەپ تارقىتىلغان. نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ھېقىقى مەنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆپەيمەس قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. بۇنىڭدا ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە يىلتىزىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ زور دەرىجىدە زېھىن قويغان. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئادريان زېنز بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
«ئۇلار ئېيتىۋاتقان ‹يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش› شوئارىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دۆلىتى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت، تارىخ ۋە مەنىۋى يىلتىزدىن ئايرىپ تاشلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەسلى مەنبەسىدىن ئايرىپ تاشلىغان ھالدا ئۇلارنى خىتايلارغا باغلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىختىكى كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادى ئۆزگىچە بولسىمۇ ئەمما ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن جايلارغا ئوخشاش ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزىگە خاس كىملىك ياراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ‹يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش› ئىستراتېگىيەسى دەل مۇشۇ خىل قەدىمىي ۋە تارىخىي رەۋىشتىكى باغلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلاش بولۇپ قالغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ئىنكار قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللىتى›نىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان زور كۆلەملىك لاگېر سىستېمىسى ۋە باشقا سىياسەتلەر دەل مۇشۇ خىل ‹ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش›، ‹يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش› شەكلىدە ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتكە كونترول قىلىشنى كۆزلىگەن. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە.»
دوكتور ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «جىنسىي زوراۋانلىقنى ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىگە خىزمەت قىلدۇرۇش» سىياسىتى خاراكتېر جەھەتتە ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىققا زېمىن ھازىرلايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكى ئاستا سۈرئەتتە يەرلىك خەلقنى ئېرىتىپ تۈگىتىپلا قالماستىن يەنە «چېگرا رايون قىرغىنچىلىقى» نىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان جىنسىي زوراۋانلىق ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ مەنىۋىيەت تىندۇرمىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى «بىز ھېچنەرسىگە يارىماس بىر ئىنسانلارمىز» دېگەنگە ئىشەندۈرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بولسا يەرلىك خەلققە نىسبەتەن «ھۆكۈمران مىللەت» نىڭ «ئىلغارلىقى» غا مەپتۇن بولۇش تەرغىب قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلىشىش مۇستەملىكىچىلىكىدە ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەن ئاستا سۈرئەتلىك قىرغىنچىلىقنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز مۇنداق دېدى.
«شۇنداق. بىز سان-ساناقسىز كىشىلەر دۇچار بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى ۋە ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سەۋەب بولغان زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قالغانلىقىدەك بىر مەنزىرىگە شاھىت بولۇۋاتىمىز. ھالبۇكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن بىلەن باراۋەر ئىجرا قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، مەجبۇرىي شەكىلدىكى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش›، تۇغۇت نىسبىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا توختىتىپ قويۇش قاتارلىق سىياسەتلەر ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇرۇنقىدىن كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمما بىز بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ۋە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ساقچىلار قوشۇنىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئازىيىپ قالغانلىقىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز لازىم. بۇنداق مەنزىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ سىياسەتتىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان پىلانلىنىپ لايىھەسى تەييارلىنىپ بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەندە زۇلۇمنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ شۇم خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.»
دەل مۇشۇنداق بىر زور ئارقا كۆرۈنۈش تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى، جۈملىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى ساھەدىكى سەرخىللىرى غۇرۇرى دەپسەندە بولۇش، روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراش ئارقىلىق كۆزدىن يوقىتىلسا، قىز-چوكانلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق رولىنى داۋام قىلدۇرالماسلىققا مەجبۇر قىلىنىپ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆچۈرۈش يولىدىكى «قۇربانلىق مال» غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.