ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ھازىرقى قوش ئۆلچەملىك تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ خىتايلارنى كۆپەيتىشتۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنياغا داڭلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇ ھەقتە ھەر خىل يوللار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى، خىتاينىڭ يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكىرى خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنى زور دەرىجىدە بوشىتىشى، ئەمما ئۇيغۇرلارغا بۇرۇنقىدەك چەكلىمە قويۇپ، نوپۇس كۆپىيىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىدە بولماقتا ھەمدە بۇ ھادىسە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا.

خىتاي 1980-يىلدىن باشلاپ خىتايلارغا «بىر بالىلىق بولۇش سىياسىتى» نى يولغا قويۇپ، ئۇنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغان، 2015-يىلىغا كەلگەندە ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويغانىدى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاينىڭ مۇشۇ ئايدىن باشلاپ 3 بالىلىق بولۇشقا يول قويىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىگە موھتاج بولىدىغانلىقىدىن ئىكەن. سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنىڭ ئۈچ بالىلىق بولۇشىغا يول قويغان تەقدىردىمۇ، خىتايلاردا ھازىر كۆپ بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايدا ئىقتىسادىي مەسىلە ئېغىر، شەھەردە ياشايدىغان خىتايلار كۆپ بالىلىق بولۇشنى خالىمايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ بالىلىق بولۇشقا يول قويۇپلا قالماي، بەلكى كۆپ تۇغۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن».

ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر نەچچە ئون يىلدىن بېرى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ مىللەتلەرگە ئۈچ بالىلىق بولۇشقا يول قويغانلىقىنى «ئالاھىدە غەمخورلۇق، كەڭ سىياسەت» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇنداق «ئېتىبار سىياسەت» يېزا نوپۇسىدىكى خىتايلارغىمۇ بېرىلگەنىدى. 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس كۆپىيىشى بىراقلا چەكلەنگەن ۋە سانى ئازىيىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنى ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق دەلىللەپ چىققانىدى.

ئادرىيان زېنز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، 2017-يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تېز سۈرئەتتە ئازلىتىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ياش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كۆپلەپ تۈرمە-لاگېرلارغا سولىنىپ، زاۋۇتلاردا ئىشلىتىلىپ، ئائىلە قۇرۇش ۋە پەرزەنت تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەيلى تۈرمە-لاگېرلاردا بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن تۇغماس قىلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىۋېتىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقى ئۇيغۇرلارنى نوپۇس كۆپىيىش ئىمكانىيىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لاگېرلاردا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تېخىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى پىلانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي ئۆزىگە قارشى چىقالايدىغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ تۈگىتىپ، يۇۋاش-يۇمشاقلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋەتمەكچى».

يېقىندا ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن ئۈچ مۇخبىر ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، مارالبېشى ناھىيەسىنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىدىن پايدىلانغان ھەمدە يەرلىكتىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئاھالە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلگەن. 2014-يىل مارالبېشى ناھىيەسىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان باشقا ناھىيەلەرگە ئوخشاشلا يۇقىرى بولغان. 2017-يىل خىتاي ئەمەلدارلىرى «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار» غا زەربە بېرىشنى باشلىغان، «ئارتۇق تۇغقانلار» نى مەلۇم قىلغانلارنى مۇكاپاتلىغان. 2017-يىل مارالبېشىدىكى بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 1000 دە 19 پىرسەنتتىن 13 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەن، ھالبۇكى 2019-يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، 4.15 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش دەۋرىدىمۇ نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بۇنداق تۆۋەن بولمايدىكەن.

ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر خىتاي جەمئىيەتشۇناسنىڭ يازغان ماقالىسىدە ئېتىراپ قىلىشىچە، 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدا 120 مىڭ نوپۇس ئاز تۇغۇلغان. بىراق ئۇ ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن 3000 يۈەن مۇكاپات ئالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا «كۆپ تۇغۇشقا قۇترىتىدىغان ئەسەبىيلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى يازغان.

مارالبېشىغا بارغان مۇخبىرلار خىتاينىڭ مارالبېشىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىڭتۇەندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نوپۇس سىياسىتىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە بايان قىلىنىشىچە، مارالبېشى ناھىيىەسىدىكى 6-دېۋىزىيە قۇرغان «تېمىنگۇەن» (تۆمۈرقوۋۇق) بازىرى ئۆتكەن يىل ياردەمچى ساقچىلارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ خىتاي بولۇشىنى شەرت قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلسا ھەر بىرىگە 10 مىڭ يۈەن داۋالىنىش پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ، خىتايلارنى كۆپ تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنىڭ دەل ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1954-يىل بىڭتۇەن قۇرۇلغاندىن بېرى خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ۋە كۆپەيتىش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن قىلىشقا باشلىغان؛ ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلىتىش ۋە يوق قىلىش سىياسىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىگەن.