«تۈگىمەس زۇلۇم» ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.11.23
xitaygha-yotkiliniwatqan-uyghur-jinayetchi-lager-3.jpg نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلارنى پويىزغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشى.
news.sky.com

ARD قانىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

23-نويابىر گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ARD نىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر» سەھىپىسى «تۈگىمەس زۇلۇم» ناملىق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىزچىل تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بولۇپمۇ ئاخىرقى بىر يىلدا ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيىسىدە كۆرۈنەرلىك بىر ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، كەسكىن بىر تەدبىر قوللىنىشقا تېرىشمىغانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئىچكىي ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا غايەت زور بىر باستۇرۇش ئاپپاراتى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىۋالغان بۇ لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، رېئاللىق ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپ قامالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇنى ئىسپاتلاشقا گېرمانىيەنىڭ NDR، VDR تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ‹جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى› مۇ ئىشتىراك قىلغان.»

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى تۆۋەندىكىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «مۇكەممەل سىفىرلاشتۇرۇلغان ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىلغان، خالىغانچە قولغا ئېلىش مەۋجۇد، دىنىي ئازسانلىقلار چەكلىمىگە ئۇچرىغان، دىنىي ئادەتلەر، مۇراسىملار ئومۇمىييۈزلۈك مەنئىي قىلىنغان، تەخمىنەن 1 مىليون ئىنسان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى خاتىرىلەنگەن، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلغان.»

گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى خالىمىغان. ئەمما ئۇلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان قەرەللىك سۆھبەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق نە گېرمانىيە، نە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش مۇئەسسەسەلىرى ئۈستىدىن ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۇرۇنۇشلىرىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ياكى نەتىجە ۋۇجۇدقا چىقمىغان.

خەۋەردە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىمنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پاسسىپ پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلەپ: «ئەگەر بىز خىتايغا خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىلىق نەسىھەت قىلىش بىلەنلا چەكلەنسەك، بۇ بېيجىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىش بىلەن ئالاقىدار بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىغانغا ئوخشاش ياۋروپا بىرلىكىدىمۇ بەزى تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىگەن.

ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خەلقئارانىڭ خىتايغا شۇ قەدەر قاتتىق بېسىم قىلىشىغا قارىماي خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىشى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«تۈگىمەس زۇلۇم» ناملىق مەزكۇر خەۋەرنى ARD قانىلىنىڭ 5 نەپەر مۇخبىرى NDR تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار جازا لاگىرلىرى توغرىسىدا خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسىغا يازما شەكىلدە سوئاللار ئەۋەتكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ سوئاللىرىنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاپ بەرمىگەن. پەقەتلا «شىنجاڭ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يالغان-ياۋىداق پاراڭلار تارقىلىپ يۈرمەكتە» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتايدىن تارقالغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يامرىشى، خىتاينىڭ بۇ رايوننى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىشىغا باھانە بولغان. ھىچقانداق چەت ئەل خادىملىرىنىڭ رايوننى كۆزىتىشىگە ئىمكانىيەت قالمىغان. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە بولغان 12 ئاي ئىچىدە خەلقئارادا پەيدا بولغان كۈچلۈك بېسىملارغا جاۋابەن خىتاينىڭ سىياسىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر روياپقا چىقىشى لازىم بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن ھېچ بىر ئىجابىي ئۆزگىرىشنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئەكسىچە، لاگېر، تۈرمىلەرنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ بارماقتا ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى زەينىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ بۇ لاگېر سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، لوندۇندىكى ئادۋوكات رودنېي دىكسون مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھرىدىكى خەلقئارا سوت كوللېگىيىسىگە خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئەرز سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.