روزا ھېيت ھارپىسىدا تۇمشۇق تۈرمىسىدىن ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق 26 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا، مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن روزا ھېيت ھارپىسىدا ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق 80 چە كىشىنىڭ جەسىتى ئېلىپ چىقىلىپ تارقىتىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئىككى ئايدىن بېرى ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر تۈرمىدىن شۇ قېتىمدا ئاز دېگەندە 26 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقى دەلىللەندى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئۆتكەن ئايدا مارالبېشىدىكى تۇمشۇق تۈرمىسىدىن ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق 80 چە كىشىنىڭ جەسىتى ئېلىپ چىقىلىپ تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگەندىن كېيىن، مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا، ئاۋات ۋە چوڭقۇرچاق قاتارلىق 10 نەچچە يېزا-بازار ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچى خادىمى، روزا ھېيت ھارپىسىدا، يەنى 4-ئايدا مەزكۇر ساقچىخانىغا تۇمشۇق تۈرمىسىدىن بەش كىشىنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكى، تۈرمىدە كېسەل ھالەتتە جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، جەسەتلەردىن بىرىنىڭ ئابدۇغېنى قادىر ئىسىملىك بىر مەھبۇسقا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئابدۇغېنى قادىرنىڭ ئەسلىدە مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ سېرىقبۇيا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قادىر توختى دېگەن كىشىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكى، 2017-يىلى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مارالبېشى بازار ئىچىدە جەسىتى تارقىتىلغانلاردىن موتسىكلىت رېمونتچىسى مەتتۇرسۇن، تۇماقچى ھاجىئاخۇن ۋە ئايالى مەخپىرەمخان قاتارلىق ئۇچ كىشىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

بىز بۇ ھەپتە يەنە مارالبېشىنىڭ ئاۋات بازىرىدىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ساقچىخانىدىكى خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى روزا ھېيت ھارپىسىدىكى جەسەت تارقىتىلىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. بۇ ساقچىخانىدىكى يەنە بىر خادىم، جەسەت تارقىتىلىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن جەسەتلەرنىڭ كىملەرگە ئائىت ئىكەنلىكى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئاۋات بازىرى مارالبېشىدىكى نوپۇسى كۆپ بازارلاردىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، بۇ بازاردىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. مەزكۇر خادىم گەپ ئارىسىدا، ئەنە شۇ قېتىملىق جەسەت تارقىتىشتا بۇ بازاردا 18 كىشىنىڭ جەسىتى تارقىتىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھالبۇكى ئۇ جەسەتلەرنىڭ تۈرمىدىن ئۇدۇل ئائىلىسىگە ئاپىرىلغانلىقى ياكى ساقچىخانىغا ئەكىلىنگەنلىكى ۋە ياكى مەخسۇس جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق ئېنىقلاشلىرىمىزدا، جەسەتلەرنىڭ ئاۋۋال ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ئاندىن ناھىيە، يېزا ۋە ئاھالىلەر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ھەم ساقچىلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئائىلىلەرگە تاپشۇرۇلغانلىقى، شۇنداقلا جەسەت تاپشۇرۇلغان ئائىلىلەرنىڭ قورۇسىنىڭ ھەپتىلەرچە نازارەت قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، روزا ھېيت ھارپىسىدا تارقىتىلغان جەسەتلەر سانىنىڭ، ئاۋات سېرىقبۇيا ۋە مارالبېشى بازار ئىچىدىن مەلۇم بولغانلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئاز دېگەندە 26 نەپەر ئىكەنلىكى دەلىللەندى ۋە بۇلاردىن پەقەت ئابدۇغېنى قادىر قاتارلىق 4 نەپىرىنىڭلا كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى.