تۇڭگان ئىمام ما يۈۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان

0:00 / 0:00

12-ئاينىڭ 15-كۈنى X دە «لى مۇئەللىم سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز ئەمەس» (李老师不是你老师) نامى بىلەن تونۇلغان ھېساباتتا يوللانغان ئۇچۇردا، يۈننەننىڭ يۈشى شەھىرىدىكى تونۇلغان تۇڭگان ئىمام ما يۈۋېي (马玉巍)نىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىق خەۋىرى كەڭ تارقالدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 15 دېكابىر چۈشتە، ما يۈۋېي تاماق يەۋاتقان يۈشى شەھىرى خوڭتا رايونىنىڭ نىئېر مەيدانىغا يېقىن جايدىكى شۇشياڭ چۇەنچۈەنشياڭ رېستورانىنى تۇيۇقسىزلا زور ساندىكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار قورشىۋالغان ۋە رېستوراندىن ما يۈۋېينى ئېلىپ كەتكەن.

「云南玉溪事件后续,民众被驱散,信息封锁失效(12月16、17日)」云南玉溪阿訇马玉巍被捕而引发的回族穆斯林抗议事件在16日有了结果,警察强行驱散了市政府的抗议民众,但当局封锁消息的行动未能奏效。…

«لى مۇئەللىم سىزنىڭ مۇئەللىمىڭىز ئەمەس» نامىدىكى ھېسابات ۋە ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ (马聚)نىڭ X دە بۇ ۋەقە ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ساقچىلار يەنە ما يۈۋىينىڭ دادىسى، ئانىسى، ئايالى ۋە ئىنىسىنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن. ما يۈۋېي ئائىلىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشى شۇ ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ ما يۇۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ناماز ئوقۇغان.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان پائالىيەتچى سۇلايمان گۇنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە بەرگەن زىيارىتىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ۋە ساقچى ماشىنىلىرىنى يۇشى شەھىرى تەرەپكە يۆتكىگەن. 16-دېكابىر سەھەردىن باشلاپ، كۇنمىڭ ۋە يۈشى ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەپەرۋەر قىلىنغان ھەربىي ۋە ساقچى ماشىنىلىرى نامايىش رايونىغا كىرىپ، يۈشىغا تۇتىشىدىغان تاشيولنى قامال قىلغان ۋە تۇڭگانلارنى سوراق قىلغان.

ما جۈ ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە ئېيتىشىچە، ما يۇۋېي چەت ئەلدە ئوقۇغان ۋە يۇرتىغا قايتىپ دادىسى ئىماملىق قىلغان مەسچىتتە ئىماملىق قىلغان. يەنى ما يۈۋىي ئائىلىسى ئىككى ئەۋلاد ئىماملىق قىلغان ئائىلە ئىكەن. ئۇ ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقاندا، تۇڭگانلارنى خىتايدا مۇسۇلمانلار خاتىرجەم ئىبادەتلىرىنى قىلالايدۇ دەيدىغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغان ۋاقىتلاردا، نۇرغۇن تۇڭگانلارنىڭمۇ تۈرمىگە سولانغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. تۇتقۇن قىلىنغان ئىمام ما يۇۋېيگە كەلسەك، ماڭا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ما يۈۋېي بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بىرەيلەننىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا ئۆيىنى بىخەتەر ھېس قىلمىغانلىقتىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتە تۇرغان. تۈنۈگۈن(15-دېكابىر) بىرسى ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان. ئۇ رېستورانغا كېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر توپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.»

ما جۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ما يۈۋېي دىنىي بىلىملىرى بىلەن يەرلىك كىشىلەر ئارىسىدا ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، شەھەر باشلىقىنىڭ قىزىق لىنىيەسىگە توختىماي تېلېفون قىلغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ما يۈۋىي ۋە ئۇ ئىماملىق قىلىۋاتقان مەسچىت ھۆكۈمەتنىڭ «خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

سۇلايمان گۇنىڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئېيتىشىچە، ما يۈۋېي ئىماملىق قىلىۋاتقان دايىڭ مەسچىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. يۈشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خوڭتا رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇللىرى 5-ئايدا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرئان ئۆگىنىش سىنىپلىرىنى تاقاشقا بۇيرۇغان. ئۇ يەنە ما يۈۋېينىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى «قانۇنسىز ھالدا قۇرئان ئۆگىنىشى تەشۋىق قىلىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى شى جيەنيۈ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «سۈرىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى خىتايغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېڭەيمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن دىنىي كۈچلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ما جۈ ئەپەندى بولسا بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، تۇڭگانلارنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بىر مەزگىل قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش باستۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەزەلدىن دىنغا قارشى بىر بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلىدى.

ما جۈ ئەپەندى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇڭگان ئۆلىمالارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەيدىغان ياكى سۆزلىمەيدىغانلىقىغا كەلسەك، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەنمۇ خىتايدىكى ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىم ئۈچۈن، نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىرى. خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە قامالغان تۇڭگان ئۆلىمالار ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپىنچە كىشىلەر قورقىدۇ. ھەتتا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ھەممە ئادەم باشقىلار ئۈچۈن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. باشقىلار ئۈچۈن گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.»

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 24-يانۋار كۈنى ئەن رەن تەخەللۇسىدىكى تۇڭگان شائىر شۈي خاۋشىن تىۋىتتىردا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە نازارەت سىستېمىسىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.

تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ھوشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى.

بىز بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق. ئەمما تېلېفون ئۇلانمىدى.

ما جۈ ئەپەندى زىيارىتىمىز تۈگەپ بىرەر سائەتلەردىن كېيىن بىز بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ، ما يۈۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى. ما يۈۋېي ۋە ئۇنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى تېخى نامەلۇم.