«تۇران» رېستورانى ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە قىزىقتۇرماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ تېكساس شتاتىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ھادىسىلىرى، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك توغرۇلۇق يېڭىلىقلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان مۇستەقىل تاراتقۇلىرىدىن «داللاس كۆزەتكۈچىسى» تور ژۇرنىلىدا 24-ماي، تېكساس شتاتىنىڭ داللاس شەھىرىدە «تۇران» ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى ئارقىلىق خېرىدارلارنى ئۇيغۇرلارغا تارىخ ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قىزىقتۇرۇشقا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پولۇ، لەڭمەن، قورداق، سامسا قاتارلىق ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر گىلىمى، مۇقام ناملىق رەسىم ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەر خىل سۈرەتلەر ھەم بۇيۇملار بىلەن بېزەلگەن رېستورانىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، «توخۇ قوردىقى، بەرەڭگە ۋە تېتىتقۇلار بىلەن تەييارلانغان ئاجايىپ تەملىك قورۇما، تۇران ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ تېتىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ» دەپ باشلانغان.

گەرچە ماقالە داللاسقا تۇنجى بىر ئۇيغۇر رېستوراننىڭ ئېچىلىشىنى تونۇشتۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، ماقالىدە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە پولۇ، لەڭمەن، سامسا ۋە باشقا مەززىلىك ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى ۋە كېرەكلىك خۇرۇچلىرىغىچە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە: «ئەگەر سىز ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىشىڭىز كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ يېمەكلەر ئۆزى سۆزلىيەلەيدۇ» دېيىلگەن.

«تۇران» ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ قورۇما چۆپى
«تۇران» ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ قورۇما چۆپى (Yelp/Turan Uyghur kitchen)

ماقالىدە مۇنداق دېگەن جۈملىلەرنى كۆرىمىز: «بەختكە قارشى، بۇ مەدەنىيەت كىملىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز دۆلىتىدە خەتەرگە دۇچار قىلدى. 2014-يىلدىن باشلاپ، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تەسۋىرلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغماسلىققا ئۇچرىغان ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھازىر تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا قامالغان».

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بىر قانچە شەھەرلىرىدە يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلىرىمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان باشقا جايلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر جامائىتى نىسبەتەن ئاز رايون ھېسابلانغان داللاستا ئېچىلغان بۇ «تۇران» رېستورانىنىڭ باشقىلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا نەزەر سېلىشىغا قىزىقتۇرۇۋاتقان ئامىللار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە سورىغان سوئاللىرمىزغا رېستوران خوجايىنى، 42 ياشلىق قەشقەرلىك ئالىمجان ئۆزى جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بىر ئائىلىۋى رېستوران بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن «تۇران» دېگەن ئىسىمنى تاللىغان ھەمدە تاماقلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائام مەدەنىيىتىدىكى ئەسلى رېتسېپلىرى بويىچە تەييارلاشنى ئەڭ ئالدىنقى سۈپەت ئۆلچىمى قىلغانىكەن.

ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان شەھەر ياكى رايونلاردا بىر ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ئېچىلىشى يالغۇز شۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور خۇشاللىق بولۇپلا قالماي، يەرلىك ئامما ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر رېستورانلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ بېقىش تەقەززالىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا يالغۇز ئامېرىكادىلا ئەمەس بارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىسى سۈپىتىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشى قاتارلىقلارنىڭمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.