11-يانۋاردا ئالمۇتا شەھەرلىك دوستلۇق ئۆيىدە ئاتاقلىق تارىخچى، شائىر تۇرغۇن ئالماسنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ياۋرو-. ئاسىيادا ئىز قالدۇرغان تارىخچى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنى ئالمۇتا شەھىرى بوستاندىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۇيۇشتۇردى. تارىخىي بىلىمنىڭ باشقا تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پەرقىنى ئانالىز قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكەن مەزكۇر يىغىنغا ئالىملار، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشتى.
يىغىننى ئاچقان ھەم ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئالمۇتا شەھىرى بوستاندىق ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، «تۇران دۇنياسى» تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى فوندىنىڭ مۇدىرى كارلىن مەخپىروف تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ھالاكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن كېيىنگە قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ مەزكۇر يىغىنغا كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى ئىزھار قىلدى.
تۇرغۇن ئالماس ھەققىدە قىسقىچە فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن سۆز چەت ئەللىك ئالىملارغا بېرىلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئەركىن ئەمەت، مىرزا ئۇلۇقبېك نامىدىكى ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا تارىخى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى باخروم خاينازاروفلارنىڭ يوللىغان ۋىدېيو نۇتقىنى تىڭشىدى. باخروم خاينازاروف ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە تەتقىقاتلار يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ تېمىغا ئائىت نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلىرىم چىققان. مەن ئۆز تەتقىقاتلىرىمدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ نۇرغۇن ئەمگەكلىرىدىن پايدىلاندىم. تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر تارىخچىسى، تەتقىقاتچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹ئۇيغۇرلار› ناملىق كىتابى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئەمگەكلەر چىققان، ئەمما تۇرغۇن ئالماسنىڭ مەزكۇر كىتابى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىغا ئائىت تۇنجى تارىخى ئەمگەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرغۇن ئالماس كىتابخاننى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە كۆپلىگەن پاكىتلىرى بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ مەزكۇر پاكىتلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن باشقا تىللاردا ئېلان قىلىنغان ئەمگەكلەرنى پايدىلانغان. ئالىم، مەسىلەن خىتاي تىلىدىكى مەنبەلەرنى پايدىلانغان ھالدا تۈرك قەبىلىلىرى، تۈرك ئاتالغۇسى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن.»

يىغىندا سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف، مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف، تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقىلار تۇرغۇن ئالماسنىڭ ھاياتنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىر خەلقنىڭ ئۇلۇغ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە دەلىللىگەن شەخس بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ تارىخىي ۋە تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەردە، دولقۇنلاردا مەيدانغا كەلگەن، چېنىققان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقلاردا ئىلىم-پەندىكى ساختا يۆنىلىشلەرگە رەددىيە بەرگەن ئەدىب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەمگەكلىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز ھەم چوڭقۇر ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئالدۇق. دەسلەپ تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىجادىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بويىچە قازاقىستاندا، مېنىڭ مەلۇماتىم بويىچە، ‹ئۇيغۇرلار› كىتابى 5 مىڭ نۇسخا بىلەن تارالدى. بىزنىمۇ ئويغىتىۋەتتى. قەدىمىي تارىخىمىزنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىگە كۆزىمىز يەتتى. ئالىمىمىز خەمىت ھەمرايېف ئۇنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، كەڭ مىقياستا تونۇشتۇردى. قازاقىستاندا ئەدىبنىڭ ‹ئۇيغۇرلار› ناملىق كىتابىنى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئىككىنچى قېتىم نەشردىن چىقاردى. بۇ ئىشلار خەلقىمىزنى سۆيۈندۈردى. ناھايىتى كەڭ مىقياستا تارالدى. ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بار دېسەم خاتالاشمايمەن. قىرغىزىستان، قازاقىستاندىكى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن پەيتلىرىدە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەمگەكلىرىگە كۆپ تاياندىم.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى يارمۇھەممەت كېبىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يىغىن مەزمۇنلۇق ئۆتتى. ئۇنىڭدا بولۇپمۇ ئالىملىرىمىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەمگەكلىرىنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىپ چىقتى. بىز بۇ شەخس ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان كارلىن مەخپىروفقا چوڭ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. كارلىن بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئوتتۇزدىن ئوشۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇ جۈملىدىن باقىلىق بولۇپ كەتكەن ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزغا، ئالىملىرىمىزغا، جامائەت ئەربابلىرىمىزغا، داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزغا، تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە بېغىشلانغان ھەر خىل مەزمۇندىكى يىغىنلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگۈم كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ تىرىشچانلىقنىڭ بەلگىسى. بۇ ھەم ياشلىرىمىزغا چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت.»
ئىگىلىشىمىزچە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ يۇقىرىدا ئاتالغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسەردىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، شۇنىڭدەك بىر قانچىلىغان پىروزا، پوئېزىيە، دراما ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» دېگەن ئىككى كىتابتىن ئىبارەت ئەمگىكى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم 1992-1993-يىللىرى «قازاقىستان» نەشرىياتىدا كىرىل يېزىقىدا، شۇ يىلى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىر كىتاب ھالىتىدە نەشر قىلىنغان. رۇسچىغا دوكتور خەمىت ھەمرايېف تەرجىمە قىلغان.