تۇرغۇن قۇربان خۇددى ئاۋازىدەك يارقىن ئادەم ئىدى

0:00 / 0:00

يۇقىرىدا ئاڭلىغان بۇ يارقىن ۋە سۈزۈك ئاۋاز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «دۆلەت 1-دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى» دەپ نام ئالغان تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى تۇرغۇن قۇرباننىڭ مەزكۇر ئىستانسىسىنىڭ بىر قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدىكى رىياسەتچىلىكىدىن بىر ئۈزۈندە.

ئۈندىدار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ تۇرغۇن قۇرباننىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن 53 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدە قايغۇلۇق خەۋەر تارقالدى.

تۇرغۇن قۇربان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەقەت ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ كۆرگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىملىرىدا ئوخشىمىغان ئوبرازلارغا جان كىرگۈزگەن پىشقان ئاۋاز ئارتىسى، ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم ئاۋازى كەسپىدە باشلامچى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئاۋاز رېژىسسورى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە مۇزىكا، ئاكتيورلۇق، رىياسەتچىلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك تالانتقا ئىگە سەرخىللارنىڭ بىرى دەپ قارالغانىدى.

ئۇندىدار سالونىدا خەلق ئۇنىڭ بىلەن مۇنۇ جۈملىلەر ئارقىلىق ۋىدالاشقان: «ياخشى ئىنسانلار كىشىلەر ئارىسىدا ئاز ياشايدۇ، قىممەتلىك ياشايدۇ، قىممىتى بىلەن ياشايدۇ، ئۇلارنى بىز ئۆز ھاياتىمىز بەدىلىگە ئېلىپ قېلىشنى شۇنچە ئىستەيتۇق-يۇ، ئۇلار بىزگە ئەسلىمىنى، ئەسلىشىنى، مۇڭىنى، كۈيىنى، چىرايلىق ئاۋازىنى تۇتىيا سۈپىتىدە سۇنۇپ ئارىمىزدىن ئاستاغىنە كېتىپ قېلىشىدۇ. ئۇلار بىزگە ئەزىز ۋە قىممەتلىك بولغان تۇتىيالار ئىدى-يۇ، بىز ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالدۇق.

ئەلۋىدا تۇرغۇن ئاكا!».

ئۈندىدار سالونىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ يەنە مەرسىيەلەر يېزىلغان. ئۈندىدار ئارقىلىق تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا تۇرغۇن قۇربان ئۆپكىسى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقى سەۋەبلىك، يېقىندا بېيجىڭغا داۋالىنىشقا ئاپىرىلغان. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىكى «جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى» دا ئۇنىڭغا سۈنئىي ئۆپكە سېلىنىپ، مۇۋاپىق ئورگان تېپىلغاندا ئۆپكە يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى كۈتۈپ، كۆزىتىشتە تۇرۇۋاتقانىكەن.

بۇ جەرياندا ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ئىئانە قىلىش ھەققىدە مۇراجىئەتلىرى ئېلان قىلىنغانىكەن. ئەمما ئۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىشقا مۇۋەپپەق بولالماي 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سىرلىق ئۆلۈم خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم خەۋىرى چەتئەللەردىكى ئۇنىڭ سەپداشلىرى، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قايغۇغا چۆمدۈردى.

گەرچە تۇرغۇن قۇرباننىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدە ئۇستاز دەرىجىسىدىكى تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان فىلىملاردىكى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئاۋازىنى تونۇساقمۇ، ئەپسۇس ئۇنىڭ تەپسىلىي تەرجىمىھالى ۋە خىزمەت نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ساقلانمىغان.

ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئاۋاز بېرىپ كەسپىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان بۇ شەخس ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى كۆپلىگەن كىنو تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئاۋاز بەرگەن، ئۇزۇن يىللىق كەسىپدىشى ۋە دوستى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئاۋاز بۆلۈمىنىڭ سابىق ئاۋاز ئارتىسى سىراجىدىن پەتقۇللا ئەپەندىنى نورۋېگىيەدىن تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سەپدىشى تۇرغۇن قۇرباننى ئەسلىگىنىدە ئۇ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى:

سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ بىلىشىچە، تۇرغۇن قۇربان 1968-يىلى باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدە تالانتى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ ئاخىرى سەنئەت مەكتەپنىڭ دراما فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوبراز يارىتىشتىكى ئالاھىدە تالانتى ۋە ئۆزگىچە يارقىن ئاۋازى بىلەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە ۋە تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۇ 1-دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى ۋە ئاۋاز رېژىسسورى بولغان. بۇ جەرياندا يۈزلەرچە كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئاساسلىق ۋە بىر قەدەر قىيىن روللارغا بەرگەن ئاۋازىدىكى ئالاھىدە ماھارەت ھەم مۇۋەپپەقىيەت بىلەن نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

ئۇ كىچىك بالا ھەۋەسكارلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ئاۋازىدىن تونۇيدىغان پىشقان ۋە ئۆزگىچە ماھارەتكە ئىگە ئاۋازى ئارتىسى. ئۇنى بالىلار «خېيمەن» ناملىق كارتون فىلىمىدىكى يېڭىلمەس ئىسكىلىت شاھ دەپ تونۇسا، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ «5-باشقارما ھەرىكەتتە» فىلىمىدىكى ساقچى باشلىقى كاۋلى، «يىلتىز» فىلىمىدىكى جورجى قاتارلىق ئوبرازلارغا قايتا جان كىرگۈزگەن بولۇپ، تاماشىبىنلار بۇ ئوبرازلارنى خۇددى «ئۇيغۇر» دەك ھېس قىلدۇرغان دەرىجىدىكى ئاۋاز بېرىش ماھارىتى بىلەن تونۇيدۇ.

ئاخىرقى مەزگىللەردە ئۇ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چىڭگىزخان» فىلىمىدا باش رول چىڭگىزخاننىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بېرىپ پىشقان ماھارىتىنى تولۇق نامايەندە قىلغانىكەن.

سىراجىدىن ياش ۋە ساغلام دوستى تۇرغۇن قۇرباننىڭ بۇنداق تېزلا ئېغىر كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ سىرلىق بىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇرغۇن قۇرباندىن ئىلگىرىمۇ قەلبىنۇر ئەلنازى، مۇنەۋۋەر ئابلەت قاتارلىق باشقا بىر قانچە داڭلىق ئۇيغۇر ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭمۇ ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارغا ستۇدىيەنىڭ ھاۋا ئۆتمەس يامان خىزمەت شارائىتى ۋە ئېغىر خىزمەت بېسىملىرى سەۋەب بولدى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىراجىدىننىڭ باھا بېرىشىچە، تۇرغۇن قۇربان ئەنە شۇنداق بىر ئۆمۈر ئۆز كەسپىگە، ئۇيغۇر خەلقىگە سادىق بولۇپ ياشىغان. تالانتىنى ۋە بارلىقىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىشقا بېغىشلىغانىدى. ئۇ، ئەنە شۇ نۇقتىدىن ۋە ئۆزىنىڭ يۈزلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ئاشۇ ئوبرازلىق ۋە ئۇنتۇلماس ئاۋازلىرى ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئەبەدىي ئۇنتۇلماستۇر.