بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى ئەجداد تەنھەرىكىتى پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىلقى 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى «ئەجدادلار تەنھەرىكىتى پائالىيىتى» 22-24-ئىيۇل كۈنلىرى بۇرسا شەھىرىنىڭ كەلەس ناھىيەسىدىكى كوجايالا دېگەن يايلاقتا ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا مىللىي تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردۇغان: «بۇ پائالىيەت پەقەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان مىليونلارچە قان-قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت. ئۇلارنىڭمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ شەكىلدە يېقىنلىشىشىنى، بىر كۈچ بىرلىكى ھاسىل قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشى كىشىنى باشقىچە خۇشال قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، بىز ئۆز-ئارا رىشتىمىز، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچلەندۈرىمىز» ، دەپ تەكىتلىدى.

بۇ پائالىيەت مەيدانىدا، ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان كۆرگەزمىلەر ئېچىلدى. كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان نوزۇگۇم جەمئىيىتى قاتنىشىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ كۆرگەزمە ئاچتى.

بۇرسا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى «ئەجدادلار تەنھەرىكىتى پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 2022-يىلى 22-ئىيۇل، تۈركىيە.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان نوزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ پائالىيەتتىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئوخشاشمايدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە بىلىشىنىڭ كۆپ دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي ئەنئەنىگە قايتىش پائالىيىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇنەۋۋەر خانىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز، قانداق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىمىز، قانداق بىر مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىقى، بىز ئاشۇ يەردە يوقىلىپ كەتسە بولىدىغان مىللەتمۇ ياكى ساقلىنىپ قېلىشى كېرەك بولغان مىللەتمۇ؟ بىزنىڭ تارىخىمىز نەگە بېرىپ تاقىشىدۇ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدىنىيتىمىز يوق بولسا دۇنيا مەدەنىيىتىگە قانداق زىيانلىرى بولىدۇ؟ تۈرك دۇنياسىغا قانداق زىيانلىرى بولىدۇ؟ بۇلار پۈتۈن بىر تەرەپتىن قارىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مەسىلىلەردۇر».

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى «ئەجدادلار تەنھەرىكىتى پائالىيىتى» گە قاتناشقان ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى ئابدۇقادىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك ۋە كۈلتۈرگە باي مىللەت ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەشكەن.

ئابدۇقادىر ئەپەندى بۇ خىل مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ھەر كۈنى ئېشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.