«قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى سۈمۈرۈشى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نامدىكى كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرېس تەرىپىدىن يېزىلغان «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنى سۈمۈرۈشى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نامىدىكى كىتاب يېقىندا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

ھەم تۈركچە ھەم ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابتا، قىزىل قىيامەتكە ئوخشىتىلغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىنىشىنىڭ تارىخى جەرىيانلىرى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ كىتاب 313 بەت ۋە 11 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنىڭ باشلىنىش تارىخى جەرىيانلىرى ۋە يېڭى مۇستەملىكىچى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستان، مىسىر ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بايان قىلىنغان.

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىدەك تېمىلاردىن تۈزۈلگەن: خەتەر يەنە شەرقتىن كېلىدۇ. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە تارىخى. خىتاينىڭ يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئارزۇسى. خىتاينىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئۇرۇشى. شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى. بىڭتۈەن-خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى سىستېمىسىنىڭ خىتايچە تۈرى. بىر بەلۋاغ بىر يول مۇستەملىكىچىلىكى. خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياننى قورشىۋېلىشى. خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقنى ئىستىلا قىلىشى. ئافرىقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشى. خىتاينىڭ تۈركىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى. ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭەيمىچىلىك قەدەملىرى ۋە باشقىلار.

ئاپتور بۇ كىتابتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخى ئورتاق بىر خەلقئارالىق قاراشنىڭ ھاسىل بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

كىتابتا يەنە، خىتاينىڭ تەشۋىقات ساھەسىدە سەرپ قىلغان خامچوتى ھەر يىلى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات ۋە ئېلان-سەنئەت ئارقىلىقمۇ ئۆزىگە قارشى ئۇچۇر تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئاپتور بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق دۇنيانى شەرقتىن كېلىۋاتقان خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ پالاكەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىتاب ئاپتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى كىتابنىڭ ئىسمى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ خۇددى قىيامەت قايىم بولغاندەك بىر ھادىسە بولغانلىقى ۋە بۇ زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابقا «قىزىل قىيامەت» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ كىتابىدا «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىشغالىيىتى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى ئۆز توپراقلىرىدىن ئايرىۋېتىش، ئۇلارنى ھەم جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن يوقىتىش قاتارلىق جىنايەتلىرى» نى خەلقئارا جامائەتچىلىككە، بولۇپمۇ تۈركلەرگە، مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى بۇ ئەسەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش جەھەتتىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇرېشىت ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ كىتابنىڭ خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى، يەنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» نامىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرىدىن دۇنيا جامائىتىنى ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.