خىتايدا بايقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغان كورۇنا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن كېيىنكى خەلقئارا سىياسىي سىستېما ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە تالاش-تارتىشلار ئەۋج ئالغان بولۇپ، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ۋابادىن كېيىنكى سىياسىي سىستېمىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ھەر خىل كۆز-قاراشلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش كۈچەيگەن بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئانالىز ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ۋابادىن كېيىنكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىنلا ئەمەس، سىياسىي جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
يېقىندا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدىغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى (SETA) نىڭ تەتقىقاتچىسى يۈسۈف ئەمرە كۆچ تەرىپىدىن SETA نىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋابادىن كېيىنكى خىتاي» ناملىق ماقالىدە ۋىرۇستىن كېيىنكى خىتاي دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان كىشىلەر خىتاي ۋەكىللىك قىلىدىغان دىكتاتور سىستېما بىلەن غەربىنىڭ سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ۋىرۇس جەريانىدىكى رولىنى سېلىشتۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئۆزىگە خاس دىكتاتور سىياسىي قۇرۇلمىسىنى غەربنىڭ سىستېمىسىغا قارشى تاللاش سۈپىتىدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
ئەمرە كۆچنىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، 5G تورى، «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرق، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ غەرب سىستېمىسىغا قارشى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاساس ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا خىتاينىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن غەرب سىياسىي سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ ماھىيىتى ۋە پەرقى ھەققىدە توختالدى.
ئەمرە كوچ ماقالىسىدە خىتاينىڭ ۋابادىن كېيىنكى تاشقى سىياسىتىنى يىغىنچاقلاپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي يېقىندا ئىككى تەكشىلىكتە تاشقى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دەسلەپكىسى خەلقئارادىكى ئوبرازىنى رېمونت قىلىش، كېيىنكىسى غەرب سىستېمىسىنىڭ كەمچىلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي سىستېمىسى ۋە ئىدېيولوگىيەسىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش.»
ۋابانىڭ خىتاي بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە تەپسىلىي ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ ۋابا جەريانىدىكى «ماسكا دىپلوماتىيەسى» ۋابا كرىزىسىدىن كېلىپ چىققان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.
مەمتىمىن ئەلا زىيارىتىمىز داۋامىدا ۋابادىن كېيىن خىتاينىڭ دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقان دىكتاتور سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن غەرب سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ھەققىدىكى مۆلچەرلىرىنى بىر قانچە جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويدى.
تونۇلغان ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ۋەيسەل كۇرد «ساباھ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ يېقىنقى مەزگىللىك سىياسىي يۆنىلىشىدە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىستىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشقا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرغۇدەك كۈچنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. ماقالىدە يەنە ۋابادىن كېيىنكى ئامېرىكانىڭ سىياسىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكادا ۋابا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ترامپ دىققىتىنى خىتايغا تېخىمۇ بەكرەك مەركەزلەشتۈرىدۇ دەپ ئېيتالايمىز. سايلام جەريانىدا قولىدىكى ئەڭ ياخشى كوزىر خىتاي. سايلامدا غەلىبە قازانسا مەۋجۇت سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.»
ئەمرە كوچ ماقالىسىدە ۋابا سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىنىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى، ۋابانىڭ خىتايدىكى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىسمى قويۇلمىغان «ئۆزئارا ماسلىشىش توختامى» نى خەتەرگە ئۇچراتقانلىقىنى، خىتايدا ئىجتىمائىي بۇرۇقتۇرمىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كۆزەتكۈچىلەر ۋابادىن كېيىن يەرشارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش سىياسىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولۇشتەك ئورنىدىن تەدرىجىي ئايرىلىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلىمەكتە. «ھۈررىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئۇفۇق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور سەنجەر ئىمەر كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن كېيىنكى دۇنيا ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېگەن: «مىللىي دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىش سىياسەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇندىن كىيىن دۆلەتلەر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مۇستەقىل سىياسىي سىستېما ئىنشا قىلىش يولىغا ماڭىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ھەممىگە ‹مەن بېرەي› ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىدۇ.»
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاباغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان سىياسەتلەر، سەھىيە خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتايدا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر قۇل ئەپەندىم ۋابانىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوختۇرلارنى قولغا ئېلىشى، ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت دىكتاتور كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ھەققىدە توختىلىش ئىنتايىن مەنىسىز بىر ئىش. ۋابادىن بۇرۇنمۇ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن دۆلىتى قاتارلىق ئۇقۇملار ھەققىدە توختىلىش مۇمكىن بولمىغان بىر سىياسىي سىستېمىغا ئىگە دۆلەت.»
«گېرمانىيە ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 5-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتايدا كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىشىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2020-يىلى يانۋارنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن كورونا ۋىرۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك 900 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، يوقاپ كەتكەنلىكى، لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى، مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغانلىقى ياكى جەرىمانە قويۇلغانلىقى ئېنىقلانغان. خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى كورۇنا ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەر تارقاتقانلىق باھانىسى بىلەن 5 مىڭ 111 ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىن زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىخ دېلىيۇس خىتاينىڭ ۋاباغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، دىن ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
زىيارىتىمىز داۋامىدا دوكتور ئۆمەر قۇل دۇنيا ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەھۋالدا دۇنيانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم بېسىشىنىڭ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، لېكىن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
0:00 / 0:00