11 نەپەر تۈرك مۇخبىرى خىتاينىڭ تاشقى تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولۇپ بەردى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.08.16
Erjan-kuchuk-1024 «ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭ سابىق مۇخبىرى ئەرجان كۈچۈك (Erjan Küchük) ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا. 2024-يىلى ئاۋغۇست، قەشقەر
Erjan Küchük

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان بىر قىسىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر، بولۇپمۇ تۈركىيەدىن بارغان بەزى مۇخبىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ «تىنچ، بەختىيار ۋە بىخەتەر» ياشاۋاتقانلىقى، «رايوننىڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكى» ھەققىدە «ئىجابىي خەۋەر» تارقاتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چەت ئەللىك مۇخبىرلار، بولۇپمۇ تۈركىيەدىن تەكلىپ قىلىپ ئاپارغان مۇخبىرلارنىڭ ئاتالمىش «گۈزەل شىنجاڭ» ھەققىدىكى بۇيرۇتما سۆزلىرىنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنماقتا.

13-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان «تۈرك تاراتقۇ خادىملىرى قەشقەرنى ماختىدى»، «تۈرك مۇخبىرلار: شىنجاڭنىڭ يېزا-ئىگىلىكى ئىلغار تېخنولوگىيە ئارقىلىق ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپتۇ» قاتارلىق بىر يۈرۈش تەشۋىقات خەۋەرلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.

مەزكۇر خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيەلىك 11  نەپەر مۇخبىر ئۈرۈمچى، كۇچا، قەشقەر ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان ۋە تەسىراتىنى خىتاينىڭ «خەلق تورى» مۇخبىرىغا ئاڭلاتقان. ئەردال ئەمرە ئىسىملىك بىر تۈرك مۇخبىر قورغاستا ئىلغار تېخنىكا بىلەن شوخلا (پەمىدۇر) يېتىشتۈرۈۋاتقان بىر يېزا-ئىگىلىك شىركىتىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى، ھەتتا بۇنداق ئىلغار يېزا-ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى نۇرەتتىن ئاقچاي، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىغا بەرگەن باياناتىدا، «بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەم بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەردىكى رېئاللىق غەرب تاراتقۇلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمىزغا ئوخشىمايدىكەن» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان تۈرك مۇخبىرلارنىڭ يەنە بەزىلىرى غەرب ئەللىرىدە دېيىلىۋاتقاندەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم ۋە تەقىبلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «نۇر گېزىتى» ئىدارىسى تۈركىيەدىكى 8 ئاخبارات ئورگىنىدىن جەمئىي 11 نەپەر مۇخبىرنى خىتايغا تەكلىپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئايدىنلىق» گېزىتىنىڭ سابىق مۇخبىرى، «مېدالنىڭ ئىككى يۈزى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلىگەن ئەرجان كۈچۈكمۇ بار ئىكەن. ئۇ، بۇ قېتىمقى زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹نۇر گېزىتى› نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خىتايغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلدۇق. جەمئىي 11 نەپەر مۇخبىر بىللە باردۇق. بىزنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، كۇچا ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلارنى ئايلاندۇردى. قەشقەر بىلەن ئىلىنى بەك ياخشى كۆردۇق.»

ئۇ بىزنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى سىلەرنى لاگېرلارغا ئاپىرىپ ئايلاندۇردىمۇ؟ ئۇيغۇر جامائىتى سىلەرنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولۇپ بەردى دەپ تەنقىد قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، گەپ تېمىسىنى باشقا ياققا بۇراپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتە ماقالە يازىمەن. 9 كۈن ئايلاندۇق، بۇ 9 كۈن جەريانىدا كۆرگەنلىرىمنى ۋە تەسىراتىمنى يازىمەن. شۇ ۋاقتىدا سىزگە خەۋەر قىلىمەن.»

تۈركىيەنىڭ «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ توغرىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىندۇر. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس. بۇنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوللىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي راستىنلا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق› دەيدىكەن، بۇنداق مۇخبىرلارنى ئەمەس، بەلكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. بىز 2018-يىلىدىن تارتىپ بۇنى تەلەپ قىلىپ  كېلىۋاتىمىز، بۇ تەلەپلىرىمىزگە خىتاي تېخىچە جاۋاب بەرگىنى يوق. خىتاي ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق› دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلايمەن دېسە، بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خالىغان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە دەرھال رۇخسەت قىلىشى كېرەك.»

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى سولچىل ئىدىيەدىكى بىر قىسىم تۈرك سىياسەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ  ئاغزى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم ئاز-تولا بولسىمۇ پايدىسىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان تۈرك خەلقىگە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، 2017-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقمۇ تۈركىيەدە كۆپ بىلىنگەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا خىتاينىڭ بىر قىسىم تۈرك مۇخبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ»، «شىنجاڭ بەكلا تەرەققىي قىلىپتۇ» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى بازارغا سېلىشى، تۈركىيەدىكى  ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئەنقەرەدىكى تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، خىتاينىڭ تەكلىپى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن تۈرك مۇخبىرلارنى تېلېۋىزىيەلەردە ئوچۇق مۇنازىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولۇپ بەرگەن بۇنداق مۇخبىرلارنى پاش قىلىش كېرەكلىكىنى، بولمىسا تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ماختىغان 11 نەپەر مۇخبىرنىڭ كۆپى تۈركىيەدىكى سولچىل ئېقىمغا مەنسۇپ ياكى كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى ياقلايدىغان كىشىلەر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.