تۈرك ئوقۇغۇچىلار «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن

0:00 / 0:00

تۈرك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» پائالىيىتىدە سەھنىگە كۆك بايراق ئېسىش، ماسكا تاقاپ نومۇر ئورۇنلاش قاتارلىق سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەكلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار 18-فېۋرال «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 18-فېۋرال، ئەنقەرە
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار 18-فېۋرال «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 18-فېۋرال، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

بۇ كۆرۈنۈشلەر، 19-فېۋرال كونيا ۋىلايىتى سېيىدىشېھىر ناھىيەسىدىكى شېھىت مۇھسىن كىرېمىتچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان. سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، يۈزلىرىگە بۇ بايراققا تەقلىد قىلىپ ياسالغان نىقاب تاقاپ چىققان 7 نەپەر تۈرك ئوقۇغۇچى «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» نى ئورۇنلاپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قاراتقان چەكلەش سىياسەتلىرىنى ئەيلىگەن.

مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نومۇر ياخشى تەييارلىق بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ھەمدە پائالىيەتكە قاتناشقان 400 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئالدىدا ئورۇندالغان.

19-فېۋرال كونيا ۋىلايىتى سېيىدىشېھىر ناھىيەسىدىكى شېھىت مۇھسىن كرېمىتچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 19-فېۋرال، كونيا
19-فېۋرال كونيا ۋىلايىتى سېيىدىشېھىر ناھىيەسىدىكى شېھىت مۇھسىن كرېمىتچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 19-فېۋرال، كونيا (RFA/Erkin Tarim)

مەزكۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۈدۈرى ئابدۇرەھىم قابان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە داۋاملىق ھالدا پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەن ئوقۇغۇچىلارغا ‹شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ قانىغان يارىسى. سىلەر ياخشى بىلمەيدىغان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلار بار› دېگەن ئىدىم. ئۇلار ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلىپ ‹خەلقئارا ئانا تىل كۈنى› گە توغرىلاپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى. 395 ئوقۇغۇچىمىز قاتناشتى. »

ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى، ئېغىزلىرىغا ماسكا تاقاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى چەكلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيىتىگە بولۇپمۇ تۈرك مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر خەلق. شۇڭا بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز.»

كونيا سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، پائالىيەت ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىگە، بولۇپمۇ ئانا تىلىنى چەكلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 18-فېۋرال ئۆز ئالدىغا پائالىيەت تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن. ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەرخىل نومۇرلىرى ئارقىلىق ئانا تىل سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلغاندىن باشقا، ھۆرلۈككە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىمۇ بايان قىلىشقان.

«شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسى» نىڭ رەئىسى دوختۇر ئابدۇكېرىم بۇغرا ئەپەندى ئانا تىل پائالىيىتىگە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، مۇنداق دېدى: «ۋەخپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بۇنى مۇھىم بىر خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھەر ھەپتە ئاخىرى بالىلارنىڭ يېشى، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيەسىگە قاراپ 3 سىنىپقا ئايرىپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋاتىمىز. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىكا، ئەقلىي تەرەققىيات ۋە مىللىي روھ تەربىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، تىل ئۆگىنىش دىننى چۈشىنىش ۋە مىللىي كىملىكنى قوغداش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. »

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان كۆپلىگەن شەھەر ۋە رايوندا ئانا تىل سىنىپى ئېچىلغان. بۇ مەكتەپلەر 21-فېۋرال «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى ھەر يىلى ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.