تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى: «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ پايدىسى يوق»

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ 2 ئاي ئۆتكەندە، خىتاينىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشىغا يول قويۇشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ھەر خىل سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا. ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇ خىل زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە تۈرك خەلقى بۇ زىيارەتتىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان -2019 يىلى -2 ئىيۇل ياپونىيەدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، شى جىنپىڭ بىر تۈركىيە ھەيئتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلغانىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېرىپ قەيەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە تەلەپلىرىنى تەييار قىلىپ خىتايغا سۇنغان بولسىمۇ خىتايدىن جاۋاب كەلمىگەنىدى.

بۇ يىل 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، نەتىجىسىز قايتقان ۋە خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغانىدى. ئارىدىن 2 ئاي ئۆتكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىشىغا يول قويغان.

بىز ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ قانداق بىر زىيارەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، تېخىچە زىيارەتنىڭ خاراكتېرى جەزملەشتۈرۈلمىگەن. بۇ جەزملەشكەندىن كېيىن بۇ ھەقتە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قىلغاندەكلا، ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ قايتۇرۇۋېتىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكى خالىغان جايلارنى ئايلىنىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشەلمىسە، ئۇ، يەردە كۆرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتايغا قارىتا سىياسىي بېسىم قىلىپ ئىشلىتەلمىسە بۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئەسلىدە تۈركىيە پۇقراسى بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەتكە يازغان ئەرز-تەلەپلىرى بار. بۇنى خىتايغا دېسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنى تۈركىيە خىتاينىڭ يۈزىگە بەك تەكىتلەپ كېتەلمەيدۇ. مەنچە تۈركىيە بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوللىشى ھاجەتسىز دەپ قارايمەن».

بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سەمىمىي بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا جازا لاگېرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە يازغان ئەرز-تەلەپلەر بار. ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەر توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى بارغاندا خىتاينىڭ ئالدىغا قويسا بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى كىشىلەر تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئوخشىمايدىغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تېپىشى كېرەك. بۇلار خالىغان جايلارنى ئايلىنىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئەمىلى ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئېكسكۇرسىيەگە بېرىشىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 5 يىلدىن بۇيان لاگېر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا. ئەمدى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە قىزىقىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇنى قوبۇل قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 2023-يىلى تۈركىيەدە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى سەۋەبتىن بۇلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە سايلام يېقىنلىشىپ قالدى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. مەنچە ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن جايلارنى زىيارەت قىلىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا باياشات ياشاۋېتىپتۇ دەپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. بىز ئۆكتىچى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيمىز. چۈنكى 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى ئېچىلغاندىن بۇيان بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھېچقاندىقىنى قىلمىدى. بۇلارغا ئاساسلانغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يوللىشىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى پەقەتلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپماسلىقى كېرەك. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى ۋە سائادەت پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تېپىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت مۇخبىرلار، كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەتتا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئورۇن ئېلىشى كېرەك. خىتاي بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىقى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپلەرنى خىتايغا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشىنىڭ پايدىسى يوق، ئەكسىچە زىيىنى بار دەپ ئويلايمەن».

«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى
«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم دەپ قارىلىدۇ . ئۇنداقتا بۇ زىيارەتتىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە بۇ زىيارەت ئارقىلىق خىتايغا سىياسىي بېسىم قىلالىسا بارسا بولىدىغانلىقىنى، بولمىسا بېشىنىڭ پايدىسى يوقلىغىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر قۇل قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بېرىشىغا خىتاينىڭ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ زىيارەتتە تۈركىيەنىڭ كۈتكەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.