«ئۇيغۇرلارغا 3 ئاي ئىچىدە تۈرك پۇقرالىقى بېرىش قانۇن لايىھەسى» تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى

0:00 / 0:00

«ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئارسلان قابۇقچۇئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى 3 ئاي ئىچىدە تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇندى.

پارلامېنت ئەزاسى ئارسلان قابۇقچۇئوغلۇ سۇنغان ئىلتىماستا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئىلتىماستا ئۇيغۇرلارنىڭ 1933- ۋە 1944-يىللىرىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىنى، 1949-يىلى كومۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىزچىل ھالدا ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئىلتىماسىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە مىللىي كەمسىتىش، دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 2021-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بېكىتتى. بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار خاتىرجەم ياشىشى كېرەك.»

تۈركىيە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش قانۇنىغا 2019-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە ۋەتەنداشلىقنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئۇدا 5 يىل ئىقامەت بىلەن تۇرۇشى شەرت. ئەمما «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئارسلان قابۇقچۇئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنغان قانۇن لايىھەسىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «تۈركىيەدە پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتقان، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس سۇنغان تەقدىردە، 3 ئاي ئىچىدە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.»

بۇ قانۇن لايىھەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلسا ماقۇللۇقتىن ئۆتەرمۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فەرىدۇن باخشى ئەپەندى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلغان تەقدىردىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرىسا، ماقۇللۇقتىن ئۆتەر. لېكىن بۇنىڭ ئىھتىماللىقى بەك تۆۋەن. چۈنكى پارلامېنتتا ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، ماقۇللۇقتىن ئۆتمەيدۇ. ئەمما بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. بۇ جەھەتتىن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىقامەت بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر يەنە 20 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر تېخىغىچە تۈرك پۇقرالىقىنى ئالالمىغان. پارلامېنت ئەزاسى ئارسلان قابۇقچۇئوغلۇ ئەپەندى بۇلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشنى خالىغان ئۇيغۇرلارنى 3 ئاي ئىچىدە پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارغا دەرھال تۈرك پۇقرالىقى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەنچە، تۈركىيە ھېچ كېچىكتۈرمەستىن ھازىرغىچە تۈركىيە پۇقرالىقى ئالالمىغان 20 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش كېرەك. مەنچە قوبۇل قىلىدۇ. 20 مىڭ ئادەم تۈركىيە ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس، بۇ ئاز سان ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم قانۇن ماقۇللاشنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ھېسابلىنىدۇ.»

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئەگەر بۇ لايىھە پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن تەقدىردە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ھەم تۈركىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي داۋاملىق ھالدا تۈركىيەگە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىسا، خىتاينىڭ تۈركىيەدىن بۇنداق تەلەپلەرنى قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا جەمئىي 584 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى جەمئىي 337 نەپەر، ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 247 نەپەر بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئەگەر ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قوللىغان تەقدىردىمۇ، ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى قىيىن ئىكەن.