«ۋەتەن» پارتىيەسى خىتاينى قوللايدىغان ۋە خىتاينىڭ تەرەپدارلىقىنى قىلىدىغان تۈركىيەدىكى كوممۇنىست پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيەنىڭ يوزگات ۋىلايىتى بوغازلايان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا، بىر تۈرك پۇقراسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ چىققان ۋە خىتاينىڭ قوللىغۇچىسى بولغان دوغۇ پېرىنچەككە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
يۈزىگە كۆك بايراقنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ماسكا تاقىۋالغان يۈسۈپ ئەمرە بۇداق ئەپەندى، دوغۇ پېرىنچەك نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ: «سىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ‹تېرورچى› دېدىڭىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ‹تېرورچى› مۇ ياكى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان.
دوغۇ پېرىنچەك بۇ كىشىنىڭ سوئالىغا: «مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھېچقاچان ‹تېرورچى› دېمىدىم. بۇرۇن بۇ ھەقتە نېمە دېگەنلىكىمنى سىزگە دەپ بېرەي: ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› تېرورچى تەشكىلاتتۇر،» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يۈسۈپ ئەمرە بۇداق ئەپەندى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن: «سىز خىتاينى ئەيىبلىيەلمەيسىز، سىز خىتاينى ئەيىبلىيەلمەيسىز!» دەپ ۋارقىرىغان.
يۈسۈپ ئەمرە بۇداق ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دوغۇ پېرىنچەككە نارازىلىق بىلدۈرۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دوغۇ پېرىنچەك بىزنىڭ بوغازلايان ناھىيەمىزدە بىر يىغىنغا قاتناشتى. دوغۇ پېرىنچەك ئەپەندى بۇرۇن قىلغان سۆزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلىۋاتقان كىشىلەرگە تېرورچى قالپىقى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئىدى. مەن بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن بىئارام بولدۇم. بۇ نارازىلىقىمنى بىدۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دوغۇ پېرىنچەكتىن بۇ توغرىلىق سوئال سورىدىم، كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن ماسكامنى تاقاپ دېمەكچى بولغانلىرىمنى دېدىم، دوغۇ پېرىنچەك نومۇس قىلماستىن يەنە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەنە ‹تېرورچى› دېدى، مەن يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتىم.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، بوغازلايان ناھىيەسى بىلەن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. مەن بۇ مەقسىتىمگە يەتتىم.»
بۇرۇن «ئىشچى» پارتىيەسى نامىدا ئاتالغان، ھازىر «ۋەتەن» پارتىيەسى دېيىلىۋاتقان دوغۇ پېرىنچەكنىڭ بۇ پارتىيەسى تۈركىيەدە كومۇنىزم ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىدىغان پارتىيەدۇر. بۇ پارتىيە 1974-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ پارتىيە تۈركىيەدە ئىزچىل ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەپ كەلمەكتە. دوغۇ پېرىنچەكنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بۇ پارتىيە ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەتتا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان تۈرك خەلقىنىڭ خىتاي تەرەپدارى بولغان دوغۇ پەرىنچەككە ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى «ۋەتەن» پارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 2023-يىلى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
د ئۇ ق ۋەخپەنىڭ رەئىسى ئابدۇرەشىت ئابدۇلخەمىت تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن دوغۇ پېرىنچەك ۋە ئۇنىڭ بۇ پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن تۈركىيەدە كۆپلەپ نارازىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى دوغۇ پېرىنچەكنىڭ پارتىيەسىنىڭ تارىختا بىرەر قېتىممۇ ھەتتا بىر پىرسەنت خەلق رايىنى ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، ھازىر بۇ پارتىيەنىڭ خەلق ئىچىدە «خىتاي تەرەپدارى» بولۇپ تونۇلغانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نارازىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ «ئۇلۇسال قانال» ناملىق بىر تېلېۋىزيەسى بىلەن «ئايدىنلىق» ناملىق بىر گېزىتى بار بولۇپ، ئىزچىل ھالدا خىتاينى ياقلاپ خەۋەر-ماقالىلار ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.