«قەدىمكى تۈرك تارىخى» ناملىق كىتاب كرونىك (Kronik) نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. ئىستانبۇلدىكى مىمار سىنان گۈزەل سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس ئەخمەت تاشئاغىل يازغان بۇ كىتابتا تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىلىرى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە يىپەك يولى توغرىسىدا توختالغان. بىز بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن كىتابنىڭ ئاپتورى پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندىم، سىزنىڭ «قەدىمكى تۈرك تارىخى» ناملىق كىتابىڭىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئالدى بىلەن كىتابتىكى مەزمۇنلار توغرىسىدا بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل: «ئالدى بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن، ‹قەدىمكى تۈرك تارىخى› ناملىق كىتابىمدا ئوخشىمىغان زامانلاردا يازغان ماقالىلىرىمنى يىغىنچاقلاپ بىر كىتاب ھالىغا كەلتۈردۈم، بۇلار بولسا ئومۇمى مۇلاھىزىلەر، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تاش رەسىملىرى، تارىخقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قاراش، دېگەندەك ماقالىلىرىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەرگىنە قۇننىڭ ئورنى ھەققىدە ئۆزۈم بىۋاسىتە ئېرىشكەن ئەسلىي ھۆججەتنى ئېلان قىلغان ئىدىم، ئۇنى قوشتۇق. ئۇنىڭدىن كىيىن كۆك تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالغان بولدۇق. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي ۋە كۆك تۈرك مۇناسىۋەتلىرى، يەنە ‹كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى›نىڭ خىتايچە تېكىستى ھەققىدە يازغان بىر ماقالەم بار، تۈركلەر خىتاي ئىمپېراتورىنى قورشاۋغا ئالغان 615-يىلىدىكى ‹يەنمېن قورشاۋى›، يەنە تۈرك تارىخىغا ئالاقىدار خىتاي مەنبەلىرىنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار بايان قىلىندى. كىتابتا يەنە يىپەك يولى ۋە تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە كۆپ تەرەپلىمە توختىلىشقا تىرىشتۇق. شۇنداقلا تۈركىستان شەھەرلىرىنىڭ ۋەزىيىتى يەنى تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچار، قەشقەر، خوتەن، سەمەرقەنت، تاشكەنت، بۇخارا، قۇمۇل دېگەندەك شەھەرلەر ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە توختالدۇق. شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تۈرك شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خوتەن، شۇنىڭدەك ماناس، ئىسسىق كۆلگە ئوخشاش ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك تارىخىنىڭ سەھىپىلىرىنى جۇغراپىيە ۋە تارىخ نۇقتىلىرىدىن يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭدىكى مەقسىتىم بولسا ئوخشىمىغان زامانلاردا روياپقا چىقارغان ماتېرىياللىرىمنى يىغىنچاقلاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ئىدى. دەرۋەقە بۇ نىشانىمغا يەتتىم، دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوبدانلا دىققىتىنى تارتتى».

مۇخبىر: بۇ كىتابتىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان مەزمۇنلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل: «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالەم ۋە كىتابىممۇ بار. بىر كىتابىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە 840-يىلىغىچە بولغان تارىخىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدىم. بۇ كىتابتا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ، يەنى تۇرپان، قاراشەھەر، خوتەن، قەشقەر، كۇچار، قۇمۇل دېگەندەك شەھەرلەر ئىنتايىن مۇھىمدۇر. يەنە خوتەن ھەققىدە ئايرىم توختالدىم. بۇ يەردىن ياۋروپاغا يۆتكەلگەن ساندۇق-ساندۇق ئەسەرلەر، ئاسارە-ئەتىقىلەر، يەنى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، خۇسۇسەن شەھەر تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم. بولۇپمۇ خوتەن بۇ نۇقتىدا دىققەتكە سازاۋەر. چۈنكى خوتەن شەھىرى قاشتېشى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر، قاشتېشىغا ئەڭ باي بىر يەردۇر. بۇ ئەھۋال مېنىڭمۇ ئىنتايىن دىققىتىمنى تارتقان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەندىن باشقا يىپەك يولى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىممۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. خۇلاسە قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىدار بولغان قەشقەر، كۇچار، ئاقسۇ، غۇلجا، ئۈرۈمچى، خوتەن دېگەندەك شەھەرلەرنى تەتقىق قىلدىم. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىتابىمدا شەھەر تارىخى ۋە يەرلىك تارىخ تېمىلىرىدا توختالغان بولدۇم».
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندىم، سىز تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى توغرىسىدا بىر قانچە كىتاب ۋە ماقالىلەر يازدىڭىز. بۇ كىتاب ۋە ماقالىلەردىكى بەزى ھەقىقەتلەر، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىڭىز خىتايلارغا ياقمايدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاي تەرەپتىن سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزگە قارشى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك نارازىلىق ياكى ئېتىرازلار بولدىمۇ؟
پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل: «ئالدى بىلەن ‹تۈرك تارىخى› ۋە ‹ئۇيغۇر تارىخى› دېيىش توغرا ئەمەس. بۇنداق ئايرىش تۈپتىن خاتا. بىز بۇنى بىر پۈتۈن تۈرك تارىخى دەپ ئاتايمىز. مەن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى ئۈچىنچى تۈرك خانلىقى دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ خانلىق تامامەن كۆكتۈركلەرنىڭ داۋامى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا تۈركلەر قەبىلە شەكلىدە ياشايتتى، لېكىن بارلىق تۈرك قوۋمى بىر پۈتۈن ھالەتتە ئىدى. كۆك تۈرك قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن قاغانلىق ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى، ئۇيغۇرلارمۇ خانىدانلىقنى 100 يىلغا يېقىن قولىدا تۇتۇپ تۇرالىدى. خىتايلارنىڭ بۇ كىتابقا قارىتا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ قانداق ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى مەن بۇ كىتابنى خىتاي مەنبەلىرىدە يېزىلغان ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ يازدىم. ئومۇمەن مەندىن ئىلگىرى شەرقتە ۋە غەربتە بۇ تېمىلاردا ئەسەرلەر يېزىلغان، تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. بىزمۇ ئوخشاش شەكىلدە خىتاي مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يازدۇق، يەنى بىز تارىخنى ھەقىقىي چىنلىقى بىلەن يېزىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. مەن بۇ نۇقتىدا كىمنىڭ نېمە دېيىشىنى پەرۋايىمغا ئالمايمەن. تارىخى ھەقىقەت قانداق بولسا شۇنى ئۆز پىتى يېزىشقا تىرىشىمەن، شۇڭلاشقا خىتايلارنىڭ نارازىلىقى مەن ئۈچۈن بەرىبىر. لېكىن خىتايلارنىڭ مېنىڭ يازغانلىرىمدىن بىئارام بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىمەن، بۇنداق بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەزگىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا، شىمالى خىتايدا، ھەتتا موڭغۇلىيەدىمۇ تۈركلەر ياشايتتى. بۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئەمەس».
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندىم، سىزچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدا قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟
پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنى ھەقىقەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭغا كۆپ تەرەپلىمە قاراش كېرەك. بوزقىر (يايلاق) دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار خۇددى باشقا تۈرك بوزقىر قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئۆزلىرىنى بەرپا قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياشىغان بىر تۈرك قەبىلىسىدۇر. ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ ياشاش سىستېمىسىغا ئۆتكەندىن كىيىن تۇرپاندىن باشلاپ قەشقەرگىچە بولغان رايون، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان رايونى تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن قىممەتلىك ئورۇن ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىش، بىناكارلىق، دىن، يازما ھۆججەتلەر، رەسىم سەنئىتى، مۇزىكا دېگەندەك ساھەلەردە ئالاھىدە رول ئويناپ كەلمەكتە. مەنچە ئۇيغۇرلار تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك بىر تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ، بىز ئومۇمەن ھەم ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يەرلەردە ھەم بۈگۈنكى ياۋروپا مۇزېيلىرىدا، جۈملىدىن پارىژ، لوندون، بېرلىندىكى مۇزېيلاردا بۇنىڭ ئىسپاتلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈن شەكىلدە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى ساھەسىدە نەقەدەر قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. مانا بۇلار تۈرك شەھەر مەدەنىيىتى، تۈرك دېھقانچىلىقى، تۈرك قانۇن ھۆججەتلىرى توغرىسىدا بىزگە ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلار سۇنماقتا. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ مەن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمەن. ئولتۇراقلىشىش سىستېمىسىغا كىرگەن ۋە كىرمىگەن پۈتۈن ئۇيغۇرلار بىز ئۈچۈن ئوخشاشلا قىممەتلىك. لېكىن تۇنجى ئولتۇراقلىشىش بۇيۇملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل شەھەرلىرى بولغان قەشقەر، خوتەن، يەكەن، تۇرپان دېگەندەك يەرلەردە ياشىغانلىقى ۋە شەھەرلىشىش ساھەسىدە مۇھىم مەھسۇلاتلارنى تۇنجى بولۇپ روياپقا چىقارغانلىقى بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك بىر نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ».