خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان «جازا لاگېرلىرى» خەلقئاراغا پاش بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار، بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات خادىملىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سولچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆمەكلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا تۈركىيە مۇخبىرلىرىنىمۇ قاتناشتۇردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنى تەكلىپ قىلىپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەردىكى بەزى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. خىتاينىڭ خەلقئارالىق راديوسىنىڭ (CRİ)18-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ھەيئەت تەركىبىدىن خىتاي مېديا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى گۆكھۇن گۆچمەن، ئوبزورچى ھاسان بۈگۈن، كامىل ئەردوغدۇ ۋە «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مەھمەت ئالىي گۈلەر ئەپەندىلەر ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر خەۋەردە جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، كۆپ مىللەت خەلقى ئىناق تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئېكىسكۇرسىيەگە ئىشتىراك قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست كامىل ئەردوغدۇ ئەپەندى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ژۇرنالىستتىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى ۋە بەزى مەسچىتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى «خەۋەر نىدا» گېزىتىدە 19-ئىيۇلدا «خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپبارغان ژۇرنالىستلار بېسىم ۋە زۇلۇمنى پەقەت كۆرەلمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا بۇ ئاخبارات خادىملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەييارلىغان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغانلىقىنى، ئامما بىلەن سۆزلەشمەيلا خىتاينىڭ قۇرۇق تەشۋىقاتىغا ۋاسىتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«CRÝ تۈرك» تور گېزىتى يازغۇچىلىرىدىن مەھمەت گۈلەر ئەپەندى 18-ئىيۇل كۈنى يازغان «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «غەرب دۆلەتلىرى ئاخباراتلىرى بىلەن بەزى تۈرك ئاخباراتلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ۋە بۆھتاندىن ئىبارەت. شىنجاڭنى ئېكسكۇرسىيە قىلماي تۇرۇپ، بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەيسىز. بىز بېرىپ كۆردۇق، ئېنىقلىدۇق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، كۈلتۈرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ياۋروپا شەھەرلىرىنىڭ كۆپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ».
بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر ئۆمەكنىڭ مەسئۇلى گۆكھۇن گۆچمەن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. «سىز تەسىراتىڭىزدا پۈتۈنلەي ئىجابىي نەرسىلەرنى يېزىپسىز، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئوبزورىمدىمۇ يازدىم. ھەر تەرەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىزنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان جايلاردا كۆرگەنلىرىمنى يازدىم. سىز دېگەن ئەھۋالنى بىلمەيمەن. بۇ خىتاينىڭ رەسمىي تەكلىپى بولغاچقا مۇشۇنچىلىك يازدىم».
خىتاي مېديا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى گۆكھۇن گۆچمەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىگە قاتتىق رەددىيە بىلدۈرۈپ، ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان www.uyghurnet.org تور گېزىتىنىڭ ساھىبى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇلارنىڭ قەلىمىنى خىتايغا ئىجارىگە بەرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى خىتاي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە ھەر خىل يوللار بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل يوللار بىلەن تۈرك خەلقىنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ توغرىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ خىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئەمەس، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. 2018-يىلىدىن تارتىپ تەكىتلەپ كېلىۋاتمىز، بۇ تەلەپلىرىمىزنى خىتاي دەرھال ئورۇنلىشى كېرەك».
«جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن 5 قېتىم ھەيئەت تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىنى ئايلاندۇردى.