جازا لاگېرلىرى تېما قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۇلغۇن چېچىكى-گۈلمىرە» ناملىق تۈركچە رومان يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنماقتا. بولۇپمۇ تۈرك يازغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرك تىلىدا يازغان رومانلىرىمۇ يورۇق كۆرمەكتە. بۇ رومانلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تۈركىيەدە تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق رومانلارنىڭ بىرى، تۈرك يازغۇچى ۋە سىياسەتچى ھەقۋەردى ئالتۇغ يازغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۇلغۇن چېچىكى-گۈلمىرە» (Doğu Türkistan’in yorğun çiçegi Gülmira) ناملىق روماندۇر.

337 بەتلىك مەزكۇر روماننى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى «گەجە» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ قارا رەڭلىك مۇقاۋىسىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

مەزكۇر روماننىڭ ئاپتورى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندى، كىتابنىڭ ئاخىرىدا روماننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «گۈلمىرە پەقەتلا بىر قىزنىڭ ئىسمى ئەمەس. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر، يەنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. بۇ كىتابتا 1949-يىلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي بىر ھىكايە بايان قىلىنغان. كىتابدا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم، جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان كەمسىتىش، ئىپپەت-نومۇسىغا چېقىلىشتەك ۋەھشىلىكلەر بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب مىليونلىغان گۈلمىرەلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر گۈلمىرەنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، ھەسرەت ۋە پىغانلىرى تەسۋىرلەنگەن روماندۇر. ئەگەر بىراز ۋىجدانىڭىز بولسا، بۇ روماننى ئوقۇماڭ، چۈنكى ۋىجدانىڭىز ھەرگىز چىدىمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى كۆرەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن!»

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ سولغۇن چېچىكى-گۈلمىرە» (Doğu Türkistan'in yorğun çiçegi Gülmira) ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندى. 2023-يىلى ماي، تۈركىيە.
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ سولغۇن چېچىكى-گۈلمىرە» (Doğu Türkistan’in yorğun çiçegi Gülmira) ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندى. 2023-يىلى ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھارغىن چېچىكى گۈلمىرە» ناملىق تارىخىي روماننى يېزىش پىكرىنىڭ ئۆزىدە قانداق پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا بەكلا قىزىقاتتىم. كېيىنچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن تونۇشتۇم. تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھال كۆزەتتىم، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان كۆپ ساندىكى كىتاب ۋە ماقالىلارنى ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ روماننى يېزىشقا قارار بەردىم. 4 يىل كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ، بۇ روماننى يېزىپ نەشر قىلدۇردۇم.»

تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى، ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقىرىي ئەپەندى مەزكۇر روماننى ئوقۇغانلىقىنى، بۇنىڭ مەزمۇن ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ياخشى رومان بولغانلىقىنى، جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان گۈلمىرە ناملىق بىر ئايالنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىگە چېقىلىۋاتقاندەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى، بۇ روماننىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىقىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش جەھەتتە مۇھىم بىر ئەسەر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ، بولۇپمۇ رومانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ روماننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرچە رومانلاردىن «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان»، «مەخمۇت قەشقىرى»، «ئىدىقۇت» قاتارلىقلار تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، تۈرك يازغۇچىلار تەرىپىدىن «جىمجىت كۆچۈش»، «ئوسمان باتۇر»، «يولدا قالغانلار»، «سەلەنگە» ۋە «كۆك كۆز يېشى» قاتارلىق تارىخىي رومانلارمۇ يېزىلدى.