پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى كۆڭلى يېرىم ھالدا كۈتۈۋالدى. ئۇلار، قۇربان ھېيت ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، بالى-چاقىلىرىغا ھېيتلىق پۇللارنى بېرىپ ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن قەلبى ۋەتەندىكى ئېغىر زۇلۇملار ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئوتىدا پۇچىلانماقتا ئىدى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، كونيا، كاستامونۇ، بۇرسا ۋە قاھرامانماراش قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزمەكتە. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار ئاساسەن ئۆز ئائىلىسى بويىچە ھېيت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدىن باشلاپ كوللېكتىپ ھېيت ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىشقانىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار
بىر يەرگە جەم بولۇپ، كوللېكتىپ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەشمەكچىكەن.
بىز قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شەھەرلەردىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئالدۇق. 6 يىلدىن بۇيان ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان تۇرسۇنگۈن خانىم ئۆزىنىڭ 2015-يىلىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى, گەرچە قۇربان ھېيتى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلىنىڭ ۋەتىنىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. (ئاۋاز)
ئانىسى تۈركىيەگە كېلىپ ئۆزىنى يوقلىغانلىقى ئۈچۈن 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئانىسىنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىدىن ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى، 2017-يىلىدىن تارتىپ ھېچقانداق بايرامدا بايرام ئۆتكۈزگەندەك ھېس قىلىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلدى. (ئاۋاز)
مەلۇم بولغىنىدەك بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان زۇلۇم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىشى بىلەن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلىرىنىڭمۇ ۋەتىنىدىكى يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقى بۈگۈنكىدەك ئۇلارنىڭ ھېيت كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.
لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى بۇ ئۇيغۇرلار يەنىلا كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارىماقتا. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان بولسا بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى، ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى لازىملىقىنى تەكىتلىدى (ئاۋاز)
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن قالسا بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا تاشلانغان ياكى قامالغانلار نىسبىتى بويىچە ئالغاندا ئالدىنقى ئورۇندا ھېسابلىنىدىكەن.
گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يەۋاتقان، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقان ۋە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئېغىر ۋەزىيىتى بىلەن كارى بولماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتماقتا. بۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا قارىتا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ھەممە بىردەك بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشمىسا يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئىسمىنى ئىشلەتكەن بىلەن ئۇ مىللەتتىن بولالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئاۋاز)
ئىگىلىشىمزچە، تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قېلىپ لاگېرغا تاشلانغان بالىلار، ئەرلىرى لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە سولىنىپ، نەچچە بالىسى بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالغان ئاياللار، ئىشسىزلىق دەردىنى تارتىپ، تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان مۇساپىرلار بار. ئۇلار قۇربان ھېيتىدا تېخىمۇ كۆڭۈلسىز ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەرۋاقىت ياردەملەرگە موھتاج ئىكەن.
ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن بولغاچقا ئۇيغۇرلار ھېيىتلىشالمىغانىدى. بۇ يىل ھېيت ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزئارا ھېيتلىشىشنى باشلىغان.