خىتاي، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تۈركىيەگە ۋاكسىنا سېتىپ بەرمىدىمۇ؟

0:00 / 0:00

5-ماي كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فەھراتتىن كوجا ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەگە ۋاكسىنا تەمىنلەش جەريانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۈگۈن >خىتايدىن كېلىدىغان ۋاكسىنا قەيەردە؟< دەپ سورىغان كىشىلەر، تۈنۈگۈن خىتاي بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى كوچىلاش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دەپ ئېيتالمايمەن، لېكىن مۇناسىۋىتىمىزنى زەخىملەندۈرگەنلىكى ئېنىق».

مەزكۇر بايانات تۈركىيەدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان بولۇپ، سىياسەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلماقتا. بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تونۇلغان ژۇرنالىست، سابىق جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا بالباي ئەپەندىم 12-ماي كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېڭ ۋېيخۇا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغان ئوبزورى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا، نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ۋاكسىنا ۋە ئۇيغۇر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېڭ ۋېيخۇا بىلەن خىتاي ۋاكسىنىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئورۇن بەرگەن.
مۇستافا بالباي ئوبزورىدا چېڭ ۋېيخۇانىڭ خىتاي ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەگە ۋاقتىدا يوللانمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازغان: «40 دۆلەتكە ۋاكسىنا سېتىۋاتىمىز، تۈركىيەگە ھازىرغا قەدەر 26 مىليون ۋاكسىنا ساتتۇق، ئاپرېل ئېيىدىن تارتىپ دۆلىتىمىز ئىچىدە 300 مىليون كىشىنى ئەملەشكە باشلىغانلىقىمىز ئۈچۈن تۈركىيەگە ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانىدۇق. بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق».

تونۇلغان ژۇرنالىست مۇستافا بالباي ئەپەندى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېڭ ۋېيخۇادىن دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا سوئال سورىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا چېڭ ۋېيخۇانىڭ مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى يازغان: «ئۇيغۇر رايونى تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭلۇقتا بولۇپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىدىن بىرى. ئۇ، يەردە 1990-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مىڭ ئەتراپىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىر ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».

مۇستافا بالباي ئەپەندى ئوبزورىدا پەقەتلا خىتاينىڭ كۆز قارىشىنىلا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان. مۇستافا بالباي ئەپەندى ئوبزورىدا ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى بايان قىلمىغان. لېكىن مۇستافا بالباي ئەپەندى تېلېۋىزىيەلەردىكى سىياسەت ئانالىز پروگراممىلىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن كىشىلەردىن بىرىدۇر.

ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا تۈركىيە خەلقىنىڭ بېسىمىنى پەيدا قىلغانىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك ئۇيغۇر مەسىلىدىن تۈپەيلى خىتاي تۈركىيەگە ۋاكسىنا بېرىشنى كېچىكتۈردىمۇ؟ ياكى خىتاي ئەلچىخانىسى دېگەندەك، خىتاينىڭ ۋەدىسىدە تۇرماسلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمۇ؟ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن كوزىر قىلىپ ئىشلىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە چاتاق يوق دېگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىن خىتاينىڭ بىئارام بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيەدىن بەزى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە ئاممىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر قالغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىدە جامائەت پىكرى كۈچەيسە تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر نەرسىلەرنى قىلىشقا مەجبۇر قالىدۇ».

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ 50 مىليون ۋاكسىنا بېرىمەن دەپ 26 مىليوننى بەرگەندىن كېيىن قالغانلىرنى بەرمەسلىكىدە ئىككى سەۋەب بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇندىن كېيىن زور مىقداردا ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ۋاكسىنىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كوزىر قىلىپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى باستۇرۇشتا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كوزىر قىلىپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە خىتاي بىلەن 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 50 مىليون ئادەت سىنوۋاك ۋاكسىنىسى ئېلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر 26 مىليون ئەتراپىدا ۋاكسىنا سېتىپ بەرگەن. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى قالغانلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.