تۈركىيەدىكى 88 نەپەر شائىر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى 88 شائىر ۋە شائىرە ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىتىشقا چاقىرىق قىلدى. مەزكۇر ئاخبارات باياناتىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «ئۇنۇتۇلمىسۇنكى، ئادەم بار يەردە شېئىرمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. شېئىر كىشىلەرنىڭ دىنى، تىلى، مىللىتى، سىنىپى ۋە جىنسىيىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممىتىنى قوغدايدۇ. بىز شېئىرلىرىمىز بىلەن زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. شېئىر ھەر دائىم ھەممە ئادەمدىن سەزگۈردۇر. شېئىر كىشىلەر قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا ۋە قىرغىنچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ھەممىدىن بالدۇر يېتىپ كېلىدۇ. شېئىر ئادەملەرنى كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئادالەتلىك بولۇشقا، ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنى قوللاشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا چاقىرىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، بوۋاقلارغا، بالىلارغا، ياش-ئۆسمۈرلەرگە، ئاياللارغا، قىسقىسى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان ‹خىتاي ئىشكەنجىسىنى› توختات. مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!»

بۇ 88 شائىر ۋە شائىرە ئىچىدە تۈركىيە ۋە دۇنيادا تونۇلغان، شېئىرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان كۆپ ساندا شائىر ۋە شائىرەلەرمۇ بار ئىكەن. «قارار» گېزىتىدە 7-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا،بۇلاردىن بىرى نۇرگۈل ئۇلۇ خانىمدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنۇلارنى يازغان: «خىتاي دۆلىتى، سىلەر كىشىلەرنىڭ غۇرۇر ۋە ئابرويىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ئەپۇ سوراڭلار. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىڭلار كېرەككى، قوياش ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۇزاقلىقتا، ھەممىمىز ئوخشاش قوياشقا قارايمىز. سەن سادىر قىلىۋاتقان جىنايەت پۈتكۈل ئاسماننى قاپلىدى. سەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىڭنى يېزىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى قەلەم بىلەن قەغەزنىڭمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىشىڭ كېرەك!»

تونۇلغان شائىر مەۋلانا ئىدرىس زەنگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازغان: «شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ۋەھشىلىككە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ كونتىرولى ئاستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن شۇنى سورىماقچىمىزكى، كىشىلەر ئانىسىدىن تۇغۇلغاندا ۋە ياشاش جەريانىدا ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇقلىرى بۇنچىلىۋالا دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتسا، سۈكۈتتە تۇرغىلى بولامدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبنى داغلايدىغان پەريادىنى ئاڭلىمىغان ئىنسانلىق، يىقىلغان يېرىدىن ئۆرە تۇرالامدۇ؟»

«88 نەپەر شائىر قول قويغان بۇ ئاخبارات باياناتىنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت نېمە ئىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا تونۇلغان يازغۇچى بەستامى يازغان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىر يەردە زۇلۇم بولسا ياكى ماتەم بولسا، بۇلارنى تۇنجى بولۇپ شائىرلارنىڭ قەلبى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بىز شائىرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ئاخبارات باياناتىنى ئېلان قىلدۇق.»

88 نەپەر شائىر ۋە شائىرەنىڭ خىتايغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىشى نېمىدىن بىشارەت بېرىدۇ؟ ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ماگېستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيەدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئورتاق ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلغان 88 شائىر ئىچىدىن بەزىلىرىنى تونۇيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى زور ئىلگىرلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ساھا ۋە كەسپتىكى كىشىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇنىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ زور قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەخمۇتجان ياسىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى يازغۇچى، شائىر ۋە ئەدەبىياتچىلارغا ئاڭلىتىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل ماي ئېيىدا تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسى بىلەن 7 شەھەرلىك پارلامېنتتىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.