ياۋرو-ئاسيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.08.18
ياۋرو-ئاسيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Erkin Tarim

ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش، شۇنداقلا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن 15-ئاۋغۇست كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» تېمىسىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر مۇنبەرنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ياشاش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقىنى ئورتاق قىممەت قاراش دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولمىغانلارنى، بولۇپمۇ ئېتنىك ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» ماۋزۇلۇق باياناتتا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرغان دۆلەت ۋە شەخىسلەرنىڭ خىتاي سادىر قىلىۋاتقان بۇ جىنايەتكە شېرىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت كۆزەتمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ ئار-نومۇسى ۋە ئىپپىتىگە چېقىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرغان دۆلەت ۋە شەخىسلەر، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ.»

15-ئاۋغۇست كۈنى ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىمۇ قولىدىن تارتىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق، دەپ يازغان: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھەققى، دىنىي ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان. خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان خەلقلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار تەھدىت دەپ قارىلىپ جازالانماقتا. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىماقتا. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانلىق مەسىلىسىگە ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا 2 مىليوندەك ئادەم جازا لاگېرىغا سولانغان. بىز ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينى بۇ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا، بىگۇناھ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز.»

ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان ئەللەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، خىتاينىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان بۇ سىياسىتىگە قارىتا كونكرېت چارە-تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بىز بۇ بايانات توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ياۋو-ئاسيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھازىر تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە توغرا ئېلىپ كېلىنمەيۋاتىدۇ. شۇڭا بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى توغرا مەلۇماتلارنى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا چۈشەندۈرۈش، بولۇپمۇ مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى جامائەتچىلىكىگىمۇ ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇنبىرىمىزگە ئەزا كۆپ ساندىكى تەشكىلاتلار بىرلىكتە بۇ باياناتنى ئېلان قىلدۇق، بىز بۇ ئارقىلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى بەزى كىشىلەر ۋە ‹ئاخبارات ۋاسىتىلىرى› تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەك ياخشى، بۇنىڭغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك، دېگەن تەشۋىقاتنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. بىز بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتە تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تىجارىي مۇناسىۋەتنى دەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز.»

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدە ۋە تۈرك دۇنياسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر ساھەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىلدىكى باياناتلارنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە تۈركىيە بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 12 تەشكىلات ئەزا بولۇپ، 2000-يىلىدىن تارتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.