لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى 2-ئاۋغۇست كۈنى بۇرسا شەھىرىدە باشلانغانىدى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بۇرسادا ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تۈگىگەندىن كىيىن، تۈركىيەدىكى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان رايونلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، بۇ رايونلارغا پىدائىي بولۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.
بۇرسادىكى پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرغان لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 7-ئاۋغۇست كۈنى مۇلا ۋىلايىتىگە يېتىپ كېلىپ، ئوت ئاپىتىدە ئۆيلىرى خاراب بولغان، ماددىي ۋە مەنىۋى زىيانغا ئۇچرىغان يەرلىك خەلقنى زىيارەت قىلغان.
پائالىيەتچىلەر مۇلا ۋىلايىتى كۆيجەئىز ناھىيەسىنىڭ پىنار، سازاك، بەيئوبا قاتارلىق يېزىلىرىغا بېرىپ، يەرلىك خەلقىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن ۋە يەرلىك خەلققە كېرەكلىك جىددىي بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.
«شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان يەرلىك تۈرك خەلقى ۋە مەزكۇر ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ياردەملىرى ۋە پىدائىيلىق خىزمەتلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. پىدائىيلىق خىزمىتى جەريانىدا سۈرەتكە ئىلىنغان ۋىدىيولاردىن ئىگىلىشىمىزچە، يەرلىك خەلق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە قاتتىق مىننەتدارلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن مەغپىرەت ئەمىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىدائىيلىق خىزمىتى جەريانىدا يەرلىك تۈرك خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى، ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئالاھىدە خۇرسەن بولغانلىقىنى، رايوندىكى باشقا پىدائىيلارنىڭ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ خىزمىتىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن ئالىمجان تۇردى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە پىدائىيلىق خىزمىتىنى تۈگىتىپ كونياغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى كونيادا ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىغا ئالاقىدار تەشۋىقات پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ مۇلا، ئانتاليا، مارمارىس قاتارلىق رايونلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان 223 ئورمان ئوت ئاپىتىدىن كۆپىنچىسى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. بىراق، 6 چوڭ ئوت ئاپىتى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتىكەن.
مەزكۇر ئوت ئاپىتى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئوت ئاپەتلىرىدىن بېرى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار ئوت ئۆچۈرۈش ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە ياردەملەشكەن. كۆزەتكۈچىلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ، يەرلىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى ئوبراز تىكلىشىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچىيىشىگە كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.