پارلامېنت ئەزاسى ناجى جىنىستى: «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مىللىي ۋەزىپىسىدۇر»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئەيىبلىشى تۈركىيەدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلماقتا.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا دەۋەت قىلماقتا. تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ناجى جىنىستى ئەپەندى 17-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنىڭ تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مىللىي ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، ئەزىز مىللىتىم ۋە ئومۇمىي يىغىن ئەھلى ھەممىڭلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈن سىلەرگە يىللاردىن بۇيان ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمدىن تۈپەيلى نوپۇسى كۆپىيەلمەيۋاتقان، ئەكسىچە نوپۇسى ئازىيىپ كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ زور تراگېدىيەسىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن».

ئۇ، 40 يىل بۇرۇن بالىلىق چېغىدىلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 40 يىل بۇرۇن بالىلىق چاغلىرىمدا شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر تۈركلىرى، سۈرگۈن، تاجاۋۇز ۋە ئەركىنلىك دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەندە ئۆز ئاغزىدىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. تۈنۈگۈنكىدەكلا يادىمدا بۈيۈك ئىنقىلابچى، لىدېر ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ياتقان جايى جەننەت بولسۇن».

ئۇ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن بۈگۈن مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتقا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كىرگۈزگەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىمەن. ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى دۆلىتىمىز خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئۆز ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە چىقىش تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مىللىي ۋەزىپىمىزدۇر. تۈركىيە كېلەچىكىنى كۆرەلىشى ۋە ئۆتمۈشىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك».

ناجى جىنىستى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى مىللىي بىر ئەستايىدىللىق ئاساسىدا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. 70 يىلدىن بۇيان مىللەتچى ۋە دېموكرات كىشىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھازىر دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى، دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ دەۋاغا ئىگە چىقتى. ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادىغا قۇلىقىنى ئېتىۋالدى. ھېچ قانداق بىر مىللەت ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللىتىنى رەت قىلالمايدۇ. بۈگۈنكى ۋەزىيەت بىزنى ئويغا سالماقتا. مەن سىياسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلمايۋاتىمەن، تارىخىي بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن. تۈركىيە بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا باشلامچىلىق قىلغان بولسا، باشقا دۆلەتلەر تۈركىيەگە ئەگەشكەن بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى. چۈنكى بىز تۈركىي مىللەتلەر تارىختىن بۇيان ھەقىقەتنى ياقلايدىغان بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىمىز».

ئۇ، 17 مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بەزىلەر بۇنى بۇرمىلاپ ئوتتۇرىغا قويغانلارغا ھەيران قېلىۋاتىمەن. غەرب ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاۋاتىدۇ دەپ خىتاي قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى كۆرمەسلىككە سالىمىزمۇ؟ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆزىگە ئىگە چىقىۋاتقان دۆلەتلەردىن سىلەر بىزگە نېمىشقا ئىگە چىقىۋاتىسەن؟ دەپ سورىسۇنمۇ؟ تۈركىيە باشتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مەجبۇرىي ھالدا ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تۈركىيەنىڭ ۋەتەندە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ بېرىشىنى كۈتمەكتە. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دىن قېرىندىشىمىز، قان قېرىندىشىمىز، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئىنسان. شۇڭا تۈركىيە ياۋروپادىكى تۈركلەرگە، سىپرۇسقا ۋە قاراباغقا ئىگە چىققاندەك ئۇيغۇر تۈركلىرىگىمۇ ئىگە چىقىشى كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارتىيەلەر ئۈستى بىر مەسىلە دەپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە پارلامېنتىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىز. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن <جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى> تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىگە ئورتاق بولغان بولىمىز. شۇڭا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىيى پارتىيە سۇنغان قارار لايىھىسىنى ماقۇللىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن».

ئىيى پارتىيەسىگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى 2 يېرىم يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. كېيىنكى ھەپتىلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى تارىختا تۈركىيەدە كۆرۈلمىگەن بىر شەكىلدە ھەر كۈن دېگۈدەك تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.