تۈركىيە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتنىڭ 70 تىن ئارتۇق دىپلوماتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا يانتاياق بولغان

0:00 / 0:00

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتتىن كەلگەن 70 چەت ئەللىك دىپلومات بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرى ساھىبخانىلىق قىلغان چوڭ زىياپەتكە قاتناشقان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتى ۋە بۇ جەرياندىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختىغان. ئۇلار يەنە «بىر بەلباغ ۋە يول» قۇرۇلۇشى بويىچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق تەنقىد ۋە ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى روزى ھېيت كۈنى تۈركىيە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتتىن كەلگەن 70 دىن ئارتۇق ئەلچى ۋە دىپلومات، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلارمۇ بۇ زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «49 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى 70 دىن ئارتۇق ئەلچى ۋە دىپلوماتلىرى شىنجاڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي چۈشەنچىسى ۋە شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بايان قىلىپ، دوستلۇقنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇلار، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى» .

2024-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى روزى ھېيت كۈنى تۈركىيە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتتىن كەلگەن 70 دىن ئارتۇق ئەلچى ۋە دىپلومات، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، بېيجىڭ
2024-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى روزى ھېيت كۈنى تۈركىيە باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتتىن كەلگەن 70 دىن ئارتۇق ئەلچى ۋە دىپلومات، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتكە قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 10-ئاپرېل، بېيجىڭ (xinjiang.gov.cn)

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرى شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى بۇرۇنقى سۆھبەتلىرىمىزدە تىلغا ئالغان ئىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر رايونىدىن بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەرنى تاللاپ چەت ئەلگە چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان چەت ئەللىك دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلارنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت رايوندا ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال ھالەتكە قايتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي يەنە بۇ خىل تەشۋىقات ئارقىلىق رايوندىكى ئاتالمىش ‹ئاشقۇنلۇق› نى بېسىقتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ».

خەۋەردە تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم باش ئەلچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ماختىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭ ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسانىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىلگەن.

دوكتور ھېنرى شاجىۋسكى تۈركىيە، سۈرىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنىڭ خىتاينى ماختاپ قىلغان سۆزلىرىگە سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى شىنجاڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق نۇقتىسى، شۇنداقلا ئۇچۇر-ئالاقە ۋە سودا-تىجارەتنىڭ مەركىزى. بۇ يىل بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشىنىمىز. مەن شىنجاڭنىڭ مەززىلىك يېمەكلىكلىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى، قىزغىن ۋە مېھماندوست ھەر مىللەت خەلقىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىمەن» .

دوكتور ھېنرى شاجىۋسكى، تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسانىڭ خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ پەقەتلا بىر دىپلوماتىك ئېيتىم ياكى ھېكايە ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەت يەنى پاكىتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى:

«بۇ بىر مۇرەككەپ سوئال. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلاتتى. لېكىن ھازىر تۈركىيەنىڭ ئۇ تەنقىدى پىكرى يوقاپ كەتتى. ئەگەر مېنى تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسانىڭ قىلغان سۆزلىرىگە قانداق باھا بېرىسىز دېسىڭىز، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ. يەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىنى قىلىۋاتىدۇ ۋە سۆزلەۋاتىدۇ. ئىسمائىل ھەققى مۇسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېگەنلىرىنى تەكرارلاۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شىنجاڭغا ئېلىپ بېرىپ پۇل خەجلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش شەخسلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كېلىشىدىكى مەقسىتى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ۋە يۈرگۈزگەن سىياسىتىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى تەشەببۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. مەن بىز ئاز بۇرۇن دېگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەت ۋە قىلغان تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلىۋاتىدۇ» .

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيە باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسانىڭ قىلغان سۆزى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىزچىل بىر سىياسىتى يوق. ھەر قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى پەرقلىق. ھازىرقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. يەنى تۈركىيە خەلقئارا ۋەزىيەتكە قاراپ ۋە ئۆزنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» .

تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھەققى مۇسا بۇ يىل 30-يانۋار ئۈرۈمچىدە ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول (Mustafa Akyol) تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ھېسداشلىق قىلسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن مۈجمەل ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئىنتايىن مۈجمەل ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ كەلدى. بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدىكى تۈرك ئاممىسى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەقىقىي بىر ھېسداشلىق مەۋجۇت. يەنى ئۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىغا نىسبەتەن بىر سەزگۈرلۈك بار. بىز پات-پات تۈركىيدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىيونلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە بەزىدە خىتاينى تەنقىد قىلغان، بەزىدە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ئىجابىي بايانلىرىنى ئاڭلايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە گېئو-سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدىمەكتە. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە بارغانسېرى غەربتىن يىراقلاپ، خىتاينى بىر پوتېنسىيال كۈچ سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى تۈركىيە دېموكراتىيەدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ. تۈركىيدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىيونلار ئارىسىدا غەربكە قارشى، خىتاي ياكى رۇسىيەگە ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەر بار. بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارىتا بەلگىلىك تەسىرى بار» .

بېيجىڭدىكى زىياپەتتە جەنۇبىي ئافرىقا، پاكىستان، قازاقىستان، ئىران، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىمۇ خىتاي بىلەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيۇشتۇرغان تاشقى تەشۋىقات ساھەسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدىكەن.