«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيە رەھبىرى مەرال ئاكشەنەر، سابىق دۆلەت رەئىسى ۋە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تەمەل كارامانئوغلى قاتارلىقلار تىۋىتتېردا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى ۋە بۇ ۋەقەدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىدى. مەرال ئاكشەنەر خانىمنىڭ تىۋىتتېردا ئېلانغا قىلىنغان باياناتىدا: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرك يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ھېسابى چوقۇم بىر كۈنى سورىلىدۇ،» دېگەن جۈملىلەر ئىشلىتىلدى.
«ئىيى» پارتىيەسى ۋە يېڭى قۇرۇلغان كېلەچەك پارتىيەسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى قاتتىق تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» پارتىيە قۇرغۇچىلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەسمىي ھېسابلىرىدا ياد ئېتىلدى. كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن سەلچۇك ئۆزداغ، مىللەت ۋەكىلى ۋە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ياۋۇز ئائىرلىئوغلى قاتارلىقلار ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاشمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنى ئۇنتۇمىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن چوقۇم ھېساب سورىلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا تەنقىدلەر ئۆكتىچى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئىنكاسىغا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان سۈكۈتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان داڭلىق ژۇرنالىست مەمەت ئېلى ئۈنال ئەپەندىم ھۆكۈمەت بېشىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە زۇلۇمغا قارشى تۇرغانلارغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ھۆكمەت بېشىدا بولۇشنىڭ قىيىنچىلىقىنى ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا چۈشىنىمەن. لېكىن تۈركىيە چوقۇم بىر يول تاپالايدۇ ۋە بۇ جەھەتتىن خىتايغا قارشى ئاۋازىنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئۆكتىچى پارتىيە لىدىرلىرى بۇ جەھەتتىن راھەت گەپ قىلالايدۇ، لېكىن ھۆكۈمەت بېشىدا بولۇش قىيىن. بىراق قىيىنچىلىقتا بولسىمۇ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خەلقىنىڭ بىلىشى ناتايىن، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بەزى بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولۇشى مومكىن. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، خەلقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئاشكارىلىشى لازىم. تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، «ئى ھا ھا»، «تۈم ياد»، «ماۋى مارمارا»، «تۈرك ئوچاقلىرى»، «كامۇسەن» قاتارلىق نوپۇزلۇق پۇقراۋى تەشكىلاتلار ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىگەن.
خىتاي ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرگە جانلانغان بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. زىيارىتىمىز داۋامىدا مەمەت ئۈنال ئەپەندىم خىتاينىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىنىڭ تۈركىيەدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىشى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەنچە بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ جاھانگىر دۆلىتى. خىتاي ئەلچىلىكلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىپ دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتىلغان پائالىيەتلەرگە قارشى چىقىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىدۇ. كورۇنا ۋاباسى جەريانىدا خىتاي دىپلوماتلىرى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزۈلمەي خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پروگراممىلاردا ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى داۋاملاشتۇردى. تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلەر ئۇلاردىن تۇتامىغا چىققۇدەك سوئال سورالمىدى. بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭمۇ چۈشەنچىسى تەپسىلىي ئەمەس. خىتاي ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەزگۈر يەرلىك سىياسەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارغا قارشى تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشى، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكىنى مەنبە قىلىدۇ دەپ قارايمەن. مەن مۇستەقىل ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە دائىم توختىلىپ كېلىۋاتىمەن.»
-2009يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى «شاۋگۇەن ۋەقەسى» جاۋابكارلىرىغا ھېچقانداق قانۇنىي تەكشۈرۈش يولغا قويۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىق نامايىشى ئىلىپ بارغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر ۋەقەنى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاپ ھەر يىلى خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00