تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار مەزكۇر باياناتتا بارلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى «بۇ ھەقتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، ھەر بىر تۈرك پۇقراسىنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا، بارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى توسىدىغان چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىشقا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە» چاقىرغان. باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «ئادۋوكاتلار ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادۋوكاتلىق كەسپىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ناھەقچىلىك ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ھەقسىزلىك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا داۋام قىلىدىغانلىقىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلايمىز» دېيىلگەن.

تۈركىيەدە 78 مىڭ ئەتراپىدا ئادۋوكات بار بولۇپ، بۇ ئادۋوكاتلار 81 «بارو»، يەنى «ئادۋوكاتلار ئىدارىسى» غا ئەزا بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىن 73 ئادۋوكاتلىق ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور ئىلگىرىلەش ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ تىزىملىكى. 2021-يىلى ماي.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەلازىغ ۋىلايىتىدىكى ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا يەنتۈر ئەپەندى نېمىشقا بۇنداق كەچ قالدۇق؟ دەپ ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نېمىشقا سۈكۈتتە تۇردۇق؟ ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇردۇق، نېمىشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇردۇق؟ دەپ ئۆزىمىزنىمۇ تەنقىد قىلىۋاتىمەن. بۇ بىز كەچ قالغان بىر بايانات. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئۇ يەردە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئىشلەۋاتىدۇ. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئورتاق باياناتنى ئېلان قىلدۇق».

مۇستافا يەنتۈر ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۆزى ئالدىدا بىر مىللەتنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەدە بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئاۋازىمىزنى چىقارساق، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى ئىگە چىقسا بۇ زۇلۇمنى توختاتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھازىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دەل ئاكتىپ بولىدىغان زامان دەپ ئويلايمەن».

ئەلازىغ ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا يەنتۈر ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئورتاق ھەرىكەت قىلساق، ھەر كۈن بىر قانچە يەردىن بۇ ھەقتە ئىنكاس چىقىپ تۇرسا، داۋاملىق ئورتاق مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ تۇرساق ھۆكۈمەت بىر نەرسە دېيىشكە مەجبۇر قالىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ».

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ زور بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناشلىق فاكۇلتېتى پروفېسسورى ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ باياناتقا تۈركىيە پارلامېنتى بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ سەل قارىيالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى 73 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تۈركىيەدىكى قانۇنچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئورتاق پىكىرگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ تۈرك خەلقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى تۈركىيە پارلامېنتى بولسۇن، ياكى سىياسەتچىلەر بولسۇن قانۇنچىلارنىڭ بۇ ئوبيېكتىپ كۆز قارىشىغا سەل قارىيالمايدۇ. بۇ كېلەچەكتە تۈركىيەنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى 81 ئادۋوكاتلار ئىدارىسىنىڭ يەتمىش ئۈچىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىن تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيەلىك ئادۋوكاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق خۇرسەن بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.