قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور ئالى ئەرباش ئەپەندى مەككىنىڭ ئارافات دېگەن جايىدا ھەج ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتقان ھاجىلار بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مەزلۇملار ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى.
تۈركىيەدىن مەككىگە ھەجىگە بارغان 88 مىڭ ھاجىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان پروفېسسور ئالى ئەرباش ئەپەندى دۇئاسىدا: «بىز زالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توسالمىدۇق، سەن توسقىن، ئاللاھىم! » دېدى. ئۇ يەنە دۇئاسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ زۇلۇملارنى توسالمىدۇق. چارە تاپالمايۋاتقانلىقىمىزنى، كۈچىمىزنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ساڭا يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، كۈچىمىز يەتمەيۋاتىدۇ، بىزگە ياردەم قىل ئاللاھىم. روھىنگادىن كەشمىرگىچە، پەلەستىندىن شەرقىي تۈركىستانغىچە بولغان مەزلۇملار دىيارىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى قۇتقۇزغىن، خۇدايىم، ...»
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەككىدىكى ئارافات تېغىدا بۇ دۇئانى قىلغاندا تۈركىي دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاق ساقالى، سابىق باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم تۈركىيە رەھبەرلىرىمۇ نەق مەيداندا بار ئىدى. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر نۇتۇقنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.
بۈگۈن، يەنى 28-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇربان ھېيت نامىزىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى. بەزى داڭلىق دىنىي ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. بۇلاردىن بىرى تونۇلغان دىنىي ئەرباب مۇھەممەد ئېمىن يىلدىرىم ئەپەندىمۇ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلغان ھېيت دۇئاسىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ قولىمىزنى ئېچىپ دۇئا قىلىۋاتىمىز. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەسرەت ئوتىدا ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خۇدايىم مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىل، زالىملارنى يوق قىلغىن.»
تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇۋاتقان، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىنىڭ ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىپ قۇربانلىق قويلارنى سويۇۋاتقان شۇ پەيتلەردە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئېغىر كەيپىيات ئىلىكىدە كۈتۈۋالدى. ئۇلار ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ھېيت باشلىدى.
بىز تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن قەيسەرى، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. ئۇلار قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقتىن كۆڭۈللىرىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە دۆلەتلىك راديو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ئىستانبۇل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قەيسەرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى خەيرۇللاھ ئەپەندى بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى سويغانلىقىنى، ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن تارتىپ، بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014-2015-يىللىرى تايلاند ۋە مالايسىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھېيت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.5 يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ماھمۇتجان ئەركىن ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولغاچقا، كۆڭلىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە 80 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، تېخى تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتەلمىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 12 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.