تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباشنىڭ رامىزانلىق باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە پىرېزىدېنتلىقىغا قاراشلىق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش ئەپەندى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك باياناتىدا، «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا قىلايلى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.

ئۇ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى رامىزان ئېيى كىرىش ھارپىسىدا سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ مەرھەمەتلىك ھاۋاسىدىن پايدىلىنىپ، پەلەستىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار، تەن جازاسى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە تىراگېدىيەنى يوق قىلىش مەسئۇلىيىتى يەنىلا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىممىسىدىدۇر. غەززە، قۇددۇس ۋە شۇنداقلا زۇلۇم ئاستىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلۇشى، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رامىزان ئېيى روھ ۋە دىلىمىز شادلىققا تولغان، قېرىنداشلىق رىشتىمىز كۈچەيگەن، ھەمكارلىق روھىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ياخشىلىقلار كۆپەيگەن، ئۈمىدلىرىمىز قايتىدىن ياشنىغان بىر ئاي بولغۇسىدۇر. »

تۈركىيە دىن بىلەن سىياسەت ئايرىۋېتىلگەن بىر جۇمھۇرىيەت بولۇپ، تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتتە جەمئىي 89 مىڭ 445 جامى ۋە مەسچىت بار ئىكەن. بۇ مەسچىتلەردە مىليونلىغان مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا ھەر كۈنى ئاخشىمى ئىپتاردىن كېيىن تاراۋى نامىزى ئوقۇپ دۇئا قىلىشىدۇ. تۈركىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە قاراشلىق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ئېلان قىلغان رامىزانلىق باياناتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇنداقتا، ئەلى ئەرباشنىڭ رامىزانلىق تەبرىك باياناتىدا «شەرقىي تۈركىستان» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئەمدىلىكتە بۇنداق بىر باياناتنى بېرىشتىكى سەۋەبى زادى نېمە؟

تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئۇمۇت ياردىم ئەپەندى بۇ توغرىلىق سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلىرى بار. دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان بېسىمى مەۋجۇت. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيەگە قارىتا بېسىمى مەۋجۇت. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ غەززەگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىش بىلەن بىرلىكتە، ۋاسىتىلىك ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە خىتايدىن بىرئاز ئۇزاقلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. »

يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى دىنىي زاتلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېگىشلىك چارىلەرنى ئېلىش توغرىسىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا ئوخشىمىغان تەكلىپلەرنى سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىستانبۇلدىكى مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خەلقئارا ئىماملار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى مانا شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقىنىڭ دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىر قاتاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەم تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالىمجان بوغدا ئەپەندى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تۈركىيە تەۋەسىدىكى 81 ۋىلايەتكە جايلاشقان 90 مىڭغا يېقىن جامى ۋە مەسچىتكە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى بۇيرۇغانلىقىنى، بۇ قېتىم بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباشنىڭ باياناتىنى ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا بولسا «سېنىڭ دېگىنىڭلا ھېساب بولمايدۇ، مېنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىم بار» دېگەن سىگنالنى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

غەززەدىكى توقۇنۇش ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەدە بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ پەقەتلا پەلەستىن مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقى، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى مۇشۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ھۆكۈمەت پەلەستىننى تىلغا ئالغاندا شەرقىي تۈركىستاننىمۇ تىلغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پارتىيە 2028-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامنىمۇ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ مەزكۇر سايلامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، بۇ سايلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىمۇ ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى ۋەزىپىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشقا باشلىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، دېدى.