نازىم باتۇرخان: «زاۋۇتىمىزدا ئىشلەپ چىقارغان ماللارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.04.03
nazim-baturxan-zawut-1.jpg تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى سانائەت رايونىدا «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى نازىم باتۇرخان ئەپەندى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

70-60 يىل بۇرۇن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر ساھەدە ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغانىدى. بۇلاردىن بىرى ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى سانائەت رايونىدا «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» نامىدا زاۋۇتى بار نازىم باتۇرخاندۇر.

ھازىر نازىم باتۇرخاننىڭ زاۋۇتىدا 60 ئادەم ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مىخ ئىشلەپچىقىرىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلغاندىن سىرت تۈركىيەدىكى داڭلىق كارىۋات، سافا، ئورۇندۇق ۋە ئۈستەل ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا ساتماقتا.

كارخانىچى نازىم باتۇرخان زىيارىتىمىزنى ئۆز زاۋۇتىدا قوبۇل قىلىپ، 2010-يىلىدىن كېيىن زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ماللارنىڭ خىلىنى ئازايتىپ مالنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز 2011-يىلىدىن بۇيان ئىشچىمىزنىڭ سانىنى كۆپەيتمىدۇق. ئىستانوك ماشىنىلىرىمىزنى ئاپتوماتىكلاشتۈرۈپ، ئاز ئىشچى بىلەن كۆپ مال ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدۇق. بۇرۇن 250 خىل مىخ ئىشلەپ چىقارغان بولساق، ھازىر ئۇنى 200 خىلغا چۈشۈرۈپ، كۆپ مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىۋاتىمىز».

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى سانائەت رايونىدا «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» زاۋۇتنىڭ بىناسى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى سانائەت رايونىدا «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» زاۋۇتنىڭ بىناسى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

نازىم باتۇرخان ئەپەندى زاۋۇتتا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان مىخلارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم باھادىر باتۇرخان ئەنقەرەدىكى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىپ كەلگەندىن كېيىن، زاۋۇتتىكى ئىشلارنى ئۆگەندى ۋە بىزمۇ ئۆگەتتۇق. ئاندىن كېيىن ماللىرىمىزنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدۇق. بۇنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتىۋاتىمىز. ھازىر بىز ئامېرىكا گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مال سېتىۋاتىمىز. ئۇكرائىناغىمۇ سېتىۋاتاتتۇق، لېكىن ھازىر ئۇرۇش بولۇۋاتقان بولغاچقا توختاپ قالدى. فىرانسىيەدىكى شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ئېكسپورت ئىشلىرى ناھايىتى قېيىن، لېكىن بۇ جەھەتتىن بىزدە زور ئىلگىرىلەش بار».

كارخانىچى نازىم باتۇرخاننىڭ بايان قىلىشىچە، زاۋۇتنى دادىسى يۈسۈپ باتۇرخان قۇرغان. يۈسۈپ باتۇرخان 1978-يىلىغىچە تۈركىيەدە سائەت رېمونت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1980-يىللاردا بىر كىچىك ئىستانوك ئېلىپ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا بۇرما مىخ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، 1991-يىلى 5000 كۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت سالغان.

مەزكۇر زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى يۈسۈپ باتۇرخان 2004-يىلى 81 ياشتا ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىر زاۋۇتنى چوڭ ئوغلى نازىم باتۇرخان بىلەن غالىپ باتۇرخان ۋە نەۋرىسى باھادىر باتۇرخان باشقۇرماقتا.

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى نازىم باتۇرخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خوجايىنى نازىم باتۇرخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin TArim

نازىم باتۇرخان ئەپەندى، دادىسى يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كېلىشى ھەم «تۈركىستان ماشىنا ۋە سانائەت» نامىدا زاۋۇتنى قۇرۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دادام ۋەتەندە قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. بوۋام ئۆز ۋاقتىدا ئات جابدۇقى ياساپ ساتىدىكەنتۇق. كوممۈنىستلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن بوۋامنى پومېشچىك دەپ بەكلا قىينىۋېتىپتۇ. دادام ۋەتەندىن قېچىپ ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن سائەت رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىپتىكەن. مەن 5 ياش ۋاقتىمدا داداملار 80 ئائىلە 1965-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ قەيسەرىگە ئولتۇراقلاشقان. داداملار تۈركىيەگە كەلگەندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، دادام›مەن مائاشقا ئىشلىيەلمەيمەن. مېنىڭ ئورنۇمغا جىيەنىم ئابدۇللا تۈركوغلۇنى خىزمەتكە ئېلىڭلار‹دەپتۇ. دادام 2 يىل بىكار يۈرگەندىن كېيىن 1967-يىلىدا ‹تۈركىستان سائەتچى› دەپ بىر دۇكان ئېچىپتۇ. قەرز ئېلىپ ئاچقان دۇكانغا 6 ئايغىچە ھېچ قانداق خېرىدار كەلمەپتۇ. 6 ئايدىن كېيىن خېرىدار كۆپەيدى. بىز ئىككى ئوغۇل، 4 قىز جەمئىي 6 بالا. دادام بىزگىمۇ سائەت رېمونت قىلىشنى ئۆگەتتى. خېرىدار بەك كۆپىيىپ كېتىپ، سائەتنى دۇكاندىن ئۆيگىمۇ ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بىزمۇ رېمونت قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ كېيىن 1980-يىللاردا بىر كىچىك ئىستانوك ماشىنىسى ئېلىپ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا بۇرما مىخ ئىشلەپ چىقىشقا باشلىدۇق».

نازىم باتۇرخان ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز 2010-يىلى مەزكۇر زاۋۇتنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىشخانا بىناسى يوق ئىدى. بۇ قېتىم 4 قەۋەتلىك ئېگىز ئىدارە بىناسى ۋە سېختا كۆپ ساندا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ھەقىقەتەن 60 يىل بۇرۇن تۈركىيەگە قولىدا ھېچنېمىسى يوق، كەمبەغەل ھالدا كەلگەن يۈسۈپ باتۇرخانلار ئائىلىسى بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى ئوتتۇرا دەرىجىدىكى زاۋۇت-كارخانىغا ئىگە ئائىلىگە ئايلىنىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارغا چىقىرىدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەش تارىخىدىكى بىر نەمۇنىلىك سەھىپە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.