ئەخمەتجان قاسىم: «ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم بولۇپ 30 كىشى تۈرمىدە»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.09.02
exmetjan-qasim-dadisi-qasim-memet-turmide.jpg

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ تۈرمىدىكى ئاتىسى قاسىم مەمەت. RFA/Erkin Tarim

exmetjan-qasim-anisi.jpg

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ ئىز-دېرەكسىز ئانىسى. RFA/Erkin Tarim

exmetjan-qasim-chong-akisi-yasin-qasim.jpg

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ 20 يىللىق كېسىلگەن چوڭ ئاكىسى ياسىن قاسىم. RFA/Erkin Tarim

exmetjan-qasim-inisi-abla-qasim.jpg

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىنىسى ئابلا قاسىم. RFA/Erkin Tarim

exmetjan-qasim-inisi.jpg

ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندىنىڭ 6 يىللىق كېسىلگەن ئاكىسى ئىمىن قاسىم. RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارقا-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىسىدا ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. بۇلاردىن بىرى ئاقسۇ شايارلىق ئەخمەتجان قاسىم. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 30 كىشىنىڭ بىگۇناھ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن مېنى زىيارەت قىلىپ ئاۋازىمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يېڭى مەھەللە يېزىسى تېرىقئېرىق كەنتى 30-نومۇرلۇق ئۆيدە تۇرغان ئەخمەتجان قاسىم. مەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەگە كەلدىم. مەن ھازىر تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق ۋىلايىتى ئەرەگلى شەھىرىدە ياشاۋاتىمەن. كەلگەندىن كېيىن توي قىلدىم ئىككى پەرزەنتىم بولدى.»

«سىز قانداق بولۇپ يۇرتىڭىزنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولدىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلاندى. 14-چېسلا ئەتىگەن سائەت: 006 بىلەن ساقچىلار بىزنىڭ ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ھەممىمىزنىڭ بېشىمىزغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. مېنىڭ 18 ياش ۋاقتىم ئىدى. ئۇكام 16 ياش ئىدى. قولىدا قورال تۇتقان 15 ئەتراپىدىكى ساقچى بىزنى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇكامنى دەسسەپ ئۇردى. پۇت-قولىمىزغا كىشەن سېلىپ مىخلىق ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ، ھوشىمىزدىن كەتكۈچە ئۇردى.»

«ساقچىلار سىلەرنى سوراققا تارتقاندا نېمىلەرنى سورىدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەخمەتجان قاسىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «نەچچە ئايەتنى بىلىسەن، ناماز ئۆتەمسەن، ناماز ئوقۇشنى ساڭا كىم ئۆگەتكەن؟ دەپ سورىدى. ‹ناماز ئوقۇشنى ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ دادام ئۆگەتتى› دېسەم ئىشەنمىدى. ئۇكام بىلەن مېنىڭ چېچىمىزدىن تۇتۇپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ تازا ئۇردى. ھوشىمىزدىن كەتكۈچە ئۇردى. بۇلار يېزىمىزنىڭ ئىچىدە بولغان ئىشلار. تاياق يېگەنلەر ئىچىدە ياش قىزلارمۇ بار، 80 ياشلىق بوۋايلارمۇ بار. زىمىستان قىش كۈنى ئىدى، گۇمانلىق دەپ قارىغانلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئۈستىگە سۇ تۆكۈپ قىينىدى. مېنى 10 كۈندەك سولاپ قويدى، كېيىن ھەممىمىزنى قويۇۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنى قايتا تۇتقۇن قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆيدىن ئىزدەپ تاپتى. ئاخىرى ھۆكۈمەت ئۆزلىرى نەشر قىلغان كىتابلارنى ئوقۇدۇڭ دەپ بىزنى كېسىۋەتتى. مەن تونۇيدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتۇمدا تۇرالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ شاڭخەيگە كەتتىم. ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەگە كەلدىم.»

«ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى، يۇرتىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىڭىز قاچان ئۈزۈلدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن ئاران ئىككى-ئۈچ ئايلا ئالاقىلىشەلىدىم. تېلېفوندا ئانام ‹ئوغلۇم، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورايتتى. ‹ئىشلەۋاتىمەن› دەپ جاۋاب بەرسەم، ‹ياخشى ئىشلە› دەيتتى. كېيىنچە ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى. مەسىلەن، بۇرۇن تېلېفون قىلغاندا ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەيتتى، كېيىن دېمەيدىغان بولدى. مەن ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دېسەم، ‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام› دېمەيدىغان بولدى. ئانام يەنە ‹بالام قايتىپ كەل، › دېدى. مەن ‹قايتمايمەن› دېدىم. بۇلارنى ساقچى ئانامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ دېگۈزدى. كېيىن ئىككى قېتىم ساقچىلار تېلېفون قىلىپ: ‹قايتىپ كەل، بىز ئىشلەش قەغىزى چىقىرىپ بېرىمىز، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئىشلىسەڭ بولىدۇ، › دېدى. ‹تۈركىيەدە نۇرغۇن خىتايلار بار، بىلىمەن، پاسپورتى بىلەن كېلىپلا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنداق قەغىزىمۇ يوق، › دېدىم.»

«ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىڭىزدىن كىملەرنى كېسىۋەتتى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى مۇنداق جاۋاپ بەردى: «ياسىن قاسىم چوڭ ئاكام 20 يىل كېسىلدى. ئىككىنچى ئاكام ئىمىن قاسىممۇ بىگۇناھ، ئۇنى 6 يىل كېسىپتۇ. مېنىڭ نەۋرە ئاكام ئۆمەر ئابدۇللاھ ‹5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى› دا بىر قېتىم تۇرمىدە يېتىپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىم تىجارەت قىلىۋاتقاندا ئۆيىدىن ئەكىتىپ 6 يىل كەستى. بىر نەۋرە ئاكام تاھىر ئابدۇللاھ قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى، بۇنىمۇ تۇتۇپ سولاپ 12 يىل كەستى. بىر نەۋرە ھەدەمنىڭ يولدىشى ھەسەن سادىق ئۇمۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇنى تۇتۇپ 10 يىل كەستى. ئۇ ھازىر قەشقەر تۈرمىسىدە. ئاندىن ئۆتكۈر مەمەت بىزنىڭ مەھەللىدىن ئويناپلا يۈرەتتى. بىر ۋاقىتمۇ ناماز ئوقۇمايتتى. لېكىن ئۆزىنىڭ يولىنى تېپىپ ماڭالايتتى، 50-60 ئادەمنى ئىشلىتەتتى. ئەنۋەر ھاكىم ئۇمۇ بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز، ئۆيى شايار گۈلباغدا، بۇمۇ ھازىر تۈرمىدە، ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئىككى بالىسى يېتىم قالدى. 80 ياشتا بىر ئاپىسى بار، بالىلىرىنى قېرى ئاپىسى بېقىۋاتىدۇ. ياسىن ئەمەت، مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولسام ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كېتىپتىكەن، يېتىم چوڭ چوڭ بولغان بالا ئىدى. ئۇ، 25 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا تۈرمىگە تاشلاندى. رەھمىتۇل ھەمدۇل بۇ بالىنىمۇ بىگۇناھ 5 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. لوقمان توختىنىياز بۇمۇ 10 يىل كېسىلدى. يۈسۈپ مەمەت بۇمۇ 10 يىل كېسىلدى. سىراجىدىن نىياز شايار بوستاننىڭ 6-يېزىسىدىن 8 يىل كېسىۋېتىلدى. ئەلى نىياز 5 يىل كېسىلدى. نىياز تۇراپ بۇمۇ 6 يىل كېسىلدى. ئابلا ئەمىن تاشدۆڭ دېگەن يەردىن 8 يىل كېسىلىپتۇ. سىراجىدىن رەھىم 5 يىل، ئەخمەت ھېيت تۈرمىدە يېتىۋېتىپتۇ، قانچە يىل ياتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مۇسا رەھىم 5 يىل، مۇسا رەخمەت 3 يىل كېسىلىپ كەتتى. تاھىر ئابدۇللا 12 يىل، ياسىن ئابدۇللا 10 يىل كېسىۋېتىلدى. مېنىڭ ئاپامنىڭ ئىنىسى مەمەت مەخمۇت 12 يىل كېسىلدى. يۈسۈپ ياسىن ئاپامنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى 10 يىل كېسىلدى. رەخىم قەييۇم مېنىڭ بالىلىق ئاغىنەم، 8 يىل كېسىلدى. مەخمۇت غوپۇر، تۇغقىنىمىز كۆپ بالىسى بار ئىدى، كۆپ بالا تاپتىڭ دەپ 15 يىل كېسىۋېتىپتۇ.»

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى ھازىرغىچە تۈرمىگە قامالغان 30 ئەتراپىدا كىشىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىقا چاقىرىق قىلدى.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە تۈركىيەدىن 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.