تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا مەرھۇم لىدېرلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئۇلارنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇمىدى.
قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 11-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن مەرھۇم لىدەرلاردىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ، دۇئالار قىلدى.
بۇ يىل قۇربان ھېيتتا تۈركىيەدە تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇۋاتقان، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىنىڭ ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىۋاتقان شۇنداقلا قۇربانلىق قويلارنى سويۇۋاتقان پەيتلەردە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر كەيپىيات ئىلىكىدە بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى.
ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىسى تۈركىيەدە بولغانلىرى تۇپراق بېشىنى يوقلاپ، ھېيت ئۆتكۈزمەكتە. يەنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ تۇپراق بېشىغا، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى.
ئۇزۇن يىل ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىگەن، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن 1901-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە قازاق يۇرتداشلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ جايلىشىشىدا زور رول ئوينىغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەدە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 120 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىنىڭ بەكلا يېرىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بولغان سېغىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن بۇرسا ئوسمانغازى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇلارغا «ئۇيغۇر ئۆيى» ئېچىپ بەرگەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم «ئۇيغۇر ئۆيى» نى زىيارەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بارغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزمەكتە. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار نامازدىن كېيىن مەرھۇم لىدېر مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى زەيتىنبۇرنۇ، ئاقساراي، سەفاكۆي ۋە بەيلىكدۈزۈ رايونلىرىغا جايلاشقان. قەيسەرى شەھىرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مەھەللە بولسا، يەنە بىرى 2014-2015 يىللىرىدا مالايسىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىنىڭ 2009-يىلى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 300 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
0:00 / 0:00