تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.11.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل سىلىۋرىدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك» مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى. 2021-يىلى 12-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Azigh

12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل سىلىۋرىدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ» مەكتىپىدە جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ، 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ھەربىيچە ۋە كانۋاي كۆينەك كىيگەن 75 ئوقۇغۇچى پاراتتىن ئۆتتى.

پائالىيەتكە يەنە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇر پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە زىيالىيلار قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقاردى. زىيالىيلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى.

ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل سىلىۋرىدىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىك» مەكتىپىدە  ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى. 2021-يىلى 12-نويابىر، تۈركىيە.

«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ» مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كۆسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

«ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ» مەكتىپىنىڭ 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇختىدا توختى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدىكى ئۆز تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭدىن باشقا بۈگۈن يەنە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلىرىگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە سىمۋوللۇق شەكىلدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئوقۇلغان. پائالىيەتچىلەر پائالىيەت داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان قېرىنداشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلاردىن ئابدۇقادىر ئوسمان زەرەپشان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئالدىدا داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن جەۋلان شىرمەمەت، مىرزەخمەت ئىلياسوغلى، بۇرھان سېيىت قاتارلىق ئاۋانگارتلارنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدە باشلانغانلىقىنى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ پۈتۈنلەي خەلق تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر خەلق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى دەرھال توختىتىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، «مىللەت نۆۋەتتە» ھەرىكىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىللىي ئىنقىلاب يۈز بېرىپ، ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تارىخىي سىمۋولى دەپ قاراپ، ھەر يىلى داغدۇغىلىق شەكىلدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.