«ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە 20-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالاھىدە تېمىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ يىغىندا، 2017-يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق، دوستلۇق ۋە سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى.

20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ
20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ (RFA/Erkin Tarim)

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى مەزكۇر يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان گازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى «تۈركۇۋاز» ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سەرقان جەنگىز ئەپەندى سۆزلىگەن. ئۇ، سۆزىدە بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ رۇسىيە ئىشغالى ئاستىدىكى قىرىم تاتارلىرى، شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمى ئاستىدىكى ئازەرى تۈركلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن سۆزۈمدە دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ھەققىدە توختالدىم. بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا شەرقىي تۈركىستانلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ
20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ (RFA/Erkin Tarim)

ئۇ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دەۋاغا قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان. ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى، ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا 6 قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىش توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنۇلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى، -9مايدا سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. »

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن باشقا يەنە كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا، ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، بۇنداق بىر پەيتتە 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا غوللۇق دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشقان شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسىدا يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەرگەن. يىغىن ئاخىرىدا يېڭى نەشر قىلىنغان 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان ئەسلىمە كىتابىغا قول قويۇپ تارقىتىپ بەرگەن.

20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ
20-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ گازىئانتەپ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ناملىق يىغىننىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 20-ماي، گازىئانتەپ (RFA/Erkin Tarim)

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان گازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركۈۋاز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سەرقان جەنگىز تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز گازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىران تەبرىزنىڭ، شەرقىي تۈركىستان، ئىراقتىكى تۈركمەن ئېلىنىڭ ۋە قىرىمنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۇرتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئىدى. بۇ يىغىن ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ۋىلايىتىمىزدىكى ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە بۇنى ئاڭلاتتۇق. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردۇق. »

مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ گازىئانتەپ شۆبىسىنىڭ رەئىسى، گازىئانتەپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى پىروفېسسورى مۇستافا مەتە ئەپەندى، يىغىن توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دەپ يازغان. «تەشكىلاتىمىز ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى 2-3 قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى، بۇ قېتىمقى يىغىندا دۆلىتىنى يوقىتىپ قويغان تۈركلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىراندىكى تۈركلەرگە ۋاكالىتەن دوكتور راھىم جەۋاتبەيلى، شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە ۋاكالىتەن رەشات سالىھ ئەپەندى، قىرىم تاتارلىرىغا ۋاكالىتەن زافەر قاراتاي ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىمۇ توختالدى. »

يېرىم كۈن داۋاملاشقان «ئەركىنلىككە بىر قەدەم» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىن ئاخىرىدا ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغاندا پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.