ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە نۇتۇق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.02.10
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە نۇتۇق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىنىڭ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان تۈرك شائىرلار. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 35 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، گۈزەل سۆزلەش ۋە نۇتۇق ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش كۇرسىغا قاتناشتى ۋە 3 ئاي داۋام قىلغان كۇرس ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر ياش شائىرى ئىمران سادائىي بۇ كۇرسنىڭ ئويۇشتۇرۇلۇشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، گۈزەل سۆزلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى خىزمەتكە چىققاندا بولسۇن ۋە ياكى ئوقۇش ھاياتىدا بولسۇن تۈركچە سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ۋە گۈزەل ئىپادىلەشنى ئۆزلەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىنىڭ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى مەخمۇت بېيىكلى ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىنىڭ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى مەخمۇت بېيىكلى ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ كۇرس، ئۇيغۇر ياش يازغۇچى ئىمران سادائىينىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كۇرستا بۇ ساھەدىكى تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچى، شائىر ۋە ئاۋاز سەنئەتچىسى ئۆزگۈر چوبان ئەپەندى لېكسىيە بەرگەن.

كۇرسانتلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمى تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسىدە 6-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى مەخمۇت بېيىكلى، شائىر مەخمۇت توپباشلى، ئۆزگۈر چوبان قاتارلىق تۈرك شائىرلارمۇ قاتنىشىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىنىڭ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىدا شائىر ۋە ئاۋاز سەنئەتچىسى ئۆزگۈر چوبان ئەپەندى لېكسىيە بەرمەكتە. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىنىڭ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مۇراسىمىدا شائىر ۋە ئاۋاز سەنئەتچىسى ئۆزگۈر چوبان ئەپەندى لېكسىيە بەرمەكتە. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى مەخمۇت بېيىكلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمنى توختىتىشقا تىرىشايلى، ئۇ يەردىكى نالە-پەريادلارنى ھەممەيلەن بىرلىكتە پۈتۈن دۇنياغا نىدا قىلىش ئۈچۈن بۇ كۇرسقا قاتنىشىپ تەلىم ئالدىڭلار. بۇ كۇرسنى پۈتتۈرگەن قېرىنداشلىرىمىز، قەيەردە بىر سەھنە تاپسا، قەيەردە بىر تەشۋىقات ئورنى تاپسا قەيەردە بىر مىكروفون تاپسا پەريادلىرىنى ياڭرىتىدۇ، بۇ خىزمەت ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر».

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۈرىشىدە تۇنجى ۋەزىپە تۈركىيە تۈركلىرىگە مەنسۇپتۇر» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە «بىز ھەر قانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا، ۋەزىيەت قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدا بولىمىز ۋە بۇ مەسىلىنى ھەر يەردە مېكروفونلار ئارقىلىق نىدا قىلىمىز»، دەپ تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.  2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئېچىلغان تۈرك تىلى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2022-يىلى 6-فېۋرال، تۈركىيە.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر كۇرستا لېكسىيە بەرگەن تۈرك شائىرى ئۆزگۈر چوبان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن زىيارىتىمىزنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۆزگۈر چوبان ئەپەندىنىڭ بۇ كۇرس ھەققىدە ئۆزىنىڭ فېيسبوك سەھىپىسىدە كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مۇنداق يازغان: «تىرىشچانلىقى، سەمىمىيلىكى، ئېسىللىقى، ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن ئۈلگىلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. كۆڭۈل دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىنلىك شامىلىنىڭ يەلپۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بىز بۇ كۇرس توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان ئىمران سادائىي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىمران سادائىي بۇ كۇرستا دەسلەپتە 47 ئوقۇغۇچى دەرس باشلىغانلىقى، بۇلاردىن 35 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ كۇرستقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئايىشە ئەخمەت خانىمنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ، بۇ كۇرسقا قاتنىشىشىنىڭ ياپدىلىق بولغانلىقىنى، سۆزلەشتە ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئايىشە ئەخمەت خانىم، تىلنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋەتەن دەۋاسنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچلەندۈرۈش ۋە تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.