رەمزى چايىر: «پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ! »

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.11.24
REMZI-CHAYIR2-1024 تۈركىيە مىللىي يول پارتىيەسى رەئىسى رەمزى چايىر، 2023-يىلى 23-نويابىر، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى «مىللىي يول» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەمزى چايىر (Remzi Çayır) ئەپەندى ئۆز پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشچىلىقىدىكى تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە باشقا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا « ‹مىللىي يول› پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

 رەمزى چايىر ئەپەندى 23-نويابىر كۈنى «مىللىي يول» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مەزكۇر پارتىيەنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» ، «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» ۋە «سائادەت پارتىيەسى» دىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا دوستلار بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان پارتىيە ئىكەنلىكىنى، بۇ پارتىيەنىڭ باش نىشانى پەقەت تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ بەختلىك ياشىشىنىلا قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ قالماستىن يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنىدە مۇستەقىل ۋە پاراۋان ھايات كەچۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رەمزى چايىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ خىتاي زۇلمىنى بىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئۆز دەۋايىمىز دەپ بىلىمىز. بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىلا ‹شەرقىي تۈركىستاندا قان-ياش ئېقىۋاتىدۇ› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايتتۇق. ھازىرمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى قان يىغلاۋاتىدۇ. مەن 1940-ۋە 1950-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ رايونى، قەيسەرى شەھىرى ۋە ئىزمىرنىڭ سالىھلى دېگەن جايلىرىدىكى كۆچمەن شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن خىتاي زۇلمىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن خىتاينىڭ ئۇلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىغان ۋە بۇ خەلقلەر توغرىسىدا يېزىلغانلارنى ئوقۇغان ئىدىم. خىتاي بۇرۇنقى دەۋرلەردىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئادەم قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىنى قىلغان ئىكەن. خىتاي زادىلا ئۆزگەرمىدى، ھازىرمۇ شۇ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندۇردى. بىر مىللەت ۋە بىر مەدەنىيەت يوق قىلىنىۋاتىدۇ» .

 ئۇ بۇ زۇلۇملار ھەققىدە تاشقى دۇنياغا شۇنچە كۆپ ئۇچۇرلار يېتىپ كېلىۋاتقاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇس قىلماي دۇنياغا يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۆزلىرىنى خىتايغا قارشى توپىلاڭنى باستۇرۇۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىۋاتقان قىياپەتتە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇستەقىل سوت ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلارنى تەييارلىدى. قىسقىسى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى ۋە دىنىنى، شۇنداقلا قەدىمدە ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» .

«تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە شەخسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ‹ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان سۈنئىي بىر مەسىلە› دەپ كېلىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ » دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ› دېگەچكە بەزىلەر بۇنى ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقاردى، دەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ خىتايدا بىۋاسىتە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كۆپ ساندا ئاياللار، ئەرلەر ۋە ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلار جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلەردە دۇچار بولغان قەبىھلىكلەرنى ئاڭلاتتى. بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ بۇنى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى دېيىش يامان نىيەتلىكتۇر» .

رەمزى چايىر ئەپەندى بىلەن سۆھبىتىمىز جەريانىدا تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «ئۇلۇغۋار سۆزلەر» نى قىلىدىغانلىقى، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنلا بۇ ھەقتە سۈكۈت قىلىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ سۆز بولدى. ئۇ بىزنىڭ « ‹مىللىي يول› پارتىيەسى كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلماقچى؟ » دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ۋاقتىڭىزدا زۇلۇم بار بولسا، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ زۇلۇم يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەپسۇسكى تۈركىيەدىكى بەزى ھۆكۈمەتلەر نېمە ئۈچۈندۇركى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر بىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. پارتىيەمىز سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز خىتاينىڭ ئالدىغا بۇ مەسىلىنى قويۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش. ھازىر قىلىدىغىنىمىز، بۈگۈن ئۈچ مىليون ئەتراپىدا قېرىندىشىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتىدۇ. بۇنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭدەك جامائەت پىكرى توپلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت» .

«مىللىي يول» پارتىيەسى تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» ، «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» ۋە «سائادەت پارتىيەسى» دىن ئايرىلىپ چىققان رەمزى چايىر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا سىياسەتچىلەر 2021-يىلى 12-ئايدا قۇرۇپ چىققان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئوخشىمىغان سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.