24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 30-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولغاندا ئۇيغۇرلارنى تۈرك ساقچىلىرى قاتتىق قوللۇق قىلىپ تارقاپ كېتىشكە زورلىغان ۋە تۇتقۇن قىلىپ چېگارادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلغانىدى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ تۈرك ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنىدى. بۇ ۋەقە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
تۈركىيەدىكى «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فېرىدۇن باخشى ئەپەندى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئاز ساندا ئۇيغۇر تۈركى، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئۈرۈمچىدىكى بىر قورۇ جايدا ئۆيىگە ئوت كېتىپ جېنىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن جەم بولغان. لېكىن ساقچى قىياپىتىدىكى بىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ‹بىر دەمدىن كېيىن ھەممىڭلارنى بۇ يەردىن تازىلايمىز، سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز، خىتايغا كېتىڭلار› دەپ تەھدىت سالغان».
ئۇ، پارلامېنتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن بۇ ھەقتە شۇ سوئالنى سورىدى.
«مەن سىلەردىن شۇنى سورىماقچىمەن، ئۇيغۇر تۈركلىرى ھازىر ئېغىر ۋەزىيەتتە. بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلىدۇ؟ كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بارماي قەيەرگە بارسۇن؟ بۇ ساقچى سۈرىيەلىك، ئافغانىستانلىق پاناھلانغۇچىلارغا مۇشۇنداق قاتتىق مۇئامىلە قىلالامدۇ؟ تۈركلەرنىڭ دۆلىتىدە، ئۆزى بىلەن ئوخشاش مىللەتتىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبچىلىك قىممىتى يوقمۇ» ؟
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى» رەئىسى فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«شەرقىي تۈركىستان خەلقى 70 يىلدىن بۇيان زۇلۇم ۋە ئىشغال ئاستىدا ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش كۆرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان تۈركىي خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق تۈرك ئىسلام تارىخىغا ئائىت ئاسارە-ئەتىقىلەرنى يوق قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەر چېقىۋېتىلىۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ».
فاتىھ ئەرباقان ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن تۈرك، مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا، خىتاي زۇلۇمىغا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارغا بىزنىڭ مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىمىزنى ئەسلەتمەكچىمەن. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندا ھايۋانلار ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بارلىق ھايۋانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى مەيدانلارغا چۈشۈپ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن بولاتتى. بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرگەن بولاتتى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئازادلىق كۆرۈشى ئېلىپ بارغان تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىدۇر. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇشى ۋە ئۇلارنى قوللىشى كېرەك».
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پارتىيەسىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا يوللايمىز دېگەن كىشىلەر، 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى تۈرك مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇلار خىتاي ۋە رۇس جاھانگىرلىكىنىڭ گۇماشتىلىرى بولغان ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرىدۇر».
بۇلاردىن سىرت بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارغا يامان مۇئامىلە قىلغان ساقچىلارنى قاتتىق ئەيىبلەشتى.
