تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز

0:00 / 0:00

26-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندى تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «كېلەچەك» ۋە «ئىيى» پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇلار ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر يۇقىرى قىزغىنلىق كەيپىياتىدا ئۆتتى.

ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىش ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرەلمەسلىكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئۈمىد ياردىمچى، «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇھاممەد ناجى جىنىسلى ئەپەندى، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش خانىم قاتارلىقلار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقى ۋە مەزكۇر مەسىلىلەر بويىچە پارلامېنت، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

د ئۇ ق ۋەكىلى بىلەن مەزكۇر پارتىيەلەر رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر رەھبەرلەرنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئاييۈجە تۈركەش خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاييۈجە تۈركەش خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى ناھايىتى مۇھىم جايدا تۇرىدۇ. بىزنىڭ كۆڭلىمىز ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بۇرۇنقىدىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا تىرىشىمىز».

كېلەچەك پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمچى (ئوڭدا) د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە (سولدا) سۆھبەتتە، 2023-يىلى 26-ئىيۇل، ئەنقەرە
كېلەچەك پارتىيە مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمچى (ئوڭدا) د ئۇ ق ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە (سولدا) سۆھبەتتە، 2023-يىلى 26-ئىيۇل، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

ئاييۈجە تۈركەش خانىم دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدىكى توسالغۇلارنى بىكار قىلدۇرۇشقا ئائىت سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز دولقۇن ئەيساغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆزلىشىمىز. پارلامېنتتىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا 2 نەپەر پارلامېنت ئەزايىمىز بار. ئۇلار ئارقىلىق مەزكۇر كومىتېتتا بىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز».

ئارقىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مۇھاممەد ناجى جىنىسلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. بىر سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇھاممەد ناجى جىنىسلى ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندىنىڭ پارتىيەمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە بەكلا خۇرسەن بولدۇق. ئۇيغۇر مەسىلىسى بىزنىڭ ئۆز مەسىلىمىزدۇر. بىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇيىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇستەقىللىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشى، شۇنداقلا بېسىمدىن قۇتۇلۇشىدۇر».

ئۇ، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۈزۈلمەي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. قانداق بولغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق. بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈرك جامائەتچىلىكىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ياردىمچى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق ۋەكىلى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، 2020-يىلى مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىراگادا چاقىرىلغان يىغىنىغىمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بارلىق كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمى تۈركىيە زىيارىتىدە تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ پىلان قىلغاندەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا «ئىيى» پارتىيەسىدىن 44، «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن 10 كىشى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ پارلامېنتتا ئورۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىمۇ باشلىغانىدى.