ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە خاقان فىداندىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى سورىدى

2024.06.14
Selchuq-ozdagh تۈركىيەنىڭ سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 12-ئىيۇن، ئەنقەرە
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ سائادەت ۋە كېلەچەك پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداندىن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان قويمىغانلىقىنى سورىدى.

ئۇ، 600 ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىندا ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە نامىدىن سۆز قىلدى. ئۇ، سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسى، قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەپەندى خىتايدا زىيارەتتە بولدى. بۇ زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى تەتقىقات مەركىزىدە دوكلات بەردى، خىتاي رەھبەرلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستانغىمۇ زىيارەت ئېلىپ باردى. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئاسسىمىلياتسىيەگە، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. خاقان فىدان ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا بۇلارنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىدى. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلەنگەنلىكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشىنى توختىتىش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىلىشى، شەرقىي تۈركىستانغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى يوللاش قاتارلىق تەلەپلىرىمىزگە ھۆكۈمەت ھېچقاچان ئىجابىي جاۋاب بەرمىدى.»

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، تۈرك خەلقى نامىدىن خاقان فىداندىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك خەلقى نامىدىن بىز خاقان فىداندىن شۇنى سورىماقچىمىز، بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدىمۇ؟ ئۇيغۇر زىيالىي، تەتقىقاتچى، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، يازغۇچى، دىنىي زات، سەنئەتچى، تەنتەربىيەچى، كارخانىچى ۋە سودىگەرلەر ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە قامىغان، بەزىلىرىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەن خىتايدىن بۇلارنى سورىدىمۇ؟ ھازىرغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمى باشتا ئوندىن كۆپ دۆلەتنىڭ پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېتىراپ قىلدى. لوندوندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىنمۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ھۆكۈم چىقىرىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟»

 سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىمۇ سورىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرگە بارالايدۇ، پەقەتلا تۈركىيە بىلەن خىتايغا كىرەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتتىن شۇنى سورىماقچىمەن، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تۈركىيە سوتى دولقۇن ئەيسانى تۈركىيەگە كىرسە بولىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان بولسىمۇ، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن دولقۇن ئەيسانى كىرگىلى قويمايدۇ؟ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت› دېگەن ئىچكى قارارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى ئىككىنچى قېتىم چەكلىدى. گېرمانىيە پۇقراسى دولقۇن ئەيسا پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە بىمالال كىرىپ چىقىۋاتقان تۇرۇقلۇق تۈركىيەگە كىرەلمەيدۇ. ھۆكۈمەتتىن شۇنى سورىماقچىمەن، سىلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانى كىرگۈزمەسلىكىڭلاردىكى سەۋەب نېمە؟ روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى تېخىچە تۈرمىدە، خاقان فىدان بۇنى خىتايدىن سورىدىمۇ؟ تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلەشتىڭلارمۇ؟»

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، بۇ نۇتۇقنى سۆزلىگەندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۇتقىنى پارلامېنتتىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەدىن بولغان 265 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن بولغان 50 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ھېچ قانداق نارازىلىق بىلدۈرمەستىن ئاڭلىغانلىقىنى، نورمالدا باشقا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن ئۇلار ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى توغرا ئەمەسمۇ دېمىدى، جاۋابمۇ بەرمىدى. نورمالدا بۇ نۇتۇقۇمغا قارشى سۆز قىلسىمۇ بولاتتى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ھۆكۈمەت، تۈركىيە پارلامېنتىدىن ھەيئەت يوللاپ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دەپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپتۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى رۇخسەت قىلماپتۇ. لېكىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا رۇخسەت قىلدى. شۇڭا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇياتلىق ھېس قىلغاچقا ماڭا ئىنكاس قايتۇرالمىدى دەپ ئويلايمەن. »

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان قويمىغانلىقىنى سوراپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئېلخەت يوللىغان بولساقمۇ تېخىچە جاۋاب كەلمىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خاقان فىدان بۇ ھەقتە بىر بايانات بەرمىدى؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، خاقان فىداننىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە بايانات بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال خېتى سۇنۇپ تۈركىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغانىدى. ئەمما بۈگۈنگىچە جاۋاب بېرىلمىگەن. تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 98-ماددىسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى نىزامنامىسىنىڭ 96-ماددىسىغا بىنائەن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ سوئال خېتىگە يازما ھالدا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.