ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىسىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن چاۋۇشئۇغلۇ ئوتتۇرىسىدا تارتىشما بولغان

0:00 / 0:00

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ كېيىنكى يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 9-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا «جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيەسى»نىڭ، پارلامېنت ئەزاسى، مەھمەت بېكارئۇغلۇ ئەپەندى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماسلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.

مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت دوكلاتى بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا سۈرىيە، ئەزەربەيجان قاراباغ، پەلەستىن ۋە شىمالىي سىپرۇس مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. شۇ مەيداندا پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت بېكارئوغلۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق سوئال قويغان: «بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى تىلغا ئالدىڭىز، ئەمما سۆزىڭىزدە ئۇيغۇرلار يوق. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدىڭىز؟ سىلەرنىڭ تاشقىي سىياسىتىڭلار، ئىچكى سىياستىڭلارغا ئوخشاشلا مەنپەئەتكە تايانغان. سىلەرنىڭ تاشقىي سىياسىتىڭلاردا ئەخلاقىي پرىنسىپ يوقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدىڭلار»!

پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت بېكارئوغلۇ سۇئال سورىماقتا، 2022-يىلى 9-نويابىر.

تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئۇغلۇ ئۇنىڭغا: «يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن، قولۇڭغا بەرگەن ماتېرىيالدا يېزىغلىق» دېگەن. ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە بايانات بەرگەن. كېيىن غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. بىز ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دېموكراتىك غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدۇق. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىمۇ، تۈرك دۇنياسىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، لېكىن ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلمىغاچقا، يالغۇز قېلىۋاتىمىز. بۇ تۈركىيەنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما بىز يالغۇز قالساقمۇ پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللىغاندەك، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىمۇ قوللاشنى داۋام قىلىمىز.»

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىدە قىلغان سۆزلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدە دېگەندەك ئوتتۇرىغا قويمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەپلىرى نېمە؟

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، يەنى ھۆكۈمەت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى رەسمىي يوسۇندا پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگىنى يوق. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن تېخىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ھەققىدە چاقىرىق قىلمايدۇ؟ تېخىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ بىر نەرسە دېگىنى يوق. مەنچە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ. پارلامېنتتا ئۇلارغا بېسىم كەلسە، بىز خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز دەپ قويۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان كونكىرېت بىر ئىشى يوق. بىز ئىيى پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىچكىي ۋە تاشقىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 5 پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى 2 ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە.