تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان زۇليار ياسىن قاتارلىق 10 نەپەر ياش 10 يىللىقتىن 20 يىللىققا قەدەر كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىلگىرى تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان نىھات نىجات، ئەنقەر، زۇليار ياسىن، سۈبھى تۇرسۇن، راھمانجان، ئەھتەمجان، فارۇق رەھىم، سۈبھى مەردان، ئالىمجان ئابدۇكېرىم قاتارلىق 10 نەپەر ياش ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 1-ئايدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىلغان بولۇپ، ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ 10 يىللىقتىن 20 يىللىققا قەدەر كېسىۋېتىلگەنلىكى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇلغان. بۇلاردىن بىرى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن 22-ئىيۇل كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن راھىلە جالالىدىننىڭ ئوغلى زۇليار ياسىن بولۇپ، ئۇ 15 يىللىق كېسىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان باخۇلياڭ ساقچىخانا خادىمى ئۆز تەۋەلىكىگە نوپۇسلۇق بولغان زۇليار ياسىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

قاراماي جەرەنبۇلاقتىن ئالىمجان ئابدۇكېرىم
ئالىمجان ئابدۇكېرىم

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «ئۇيغۇريار فوندى» مەھكۇملارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇغان مەزگىلىدىكى ھاياتىنى مەخسۇس ئېنىقلاپ چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئىستانبۇلدىكى «فاتىخ ئالىي مەكتەپ ئەركەك ئوقۇغۇچىلار ياتىقى» دا تۇرغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن 2016-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە يۇرتىغا قايتقان ئىكەن. ئۇلار ئىستانبۇلدىكى مەزگىلدە سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە يېقىن يولىمىغان، ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغىمۇ قەدەم باسمىغان ئىكەن. 2017‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا ئالىمجان ئابدۇكېرىم قاتارلىق بىر قىسمى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئىككى يىلچە لاگېردا يېتىپ چىققان. زۇليار ياسىن قاتارلىق بىر قىسمى ئەينى چاغدا يېشى 18دىن تۆۋەن بولغاچقا تۇتقۇن قىلىنمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى «تۈركىيەدە تېررورلۇق تەلىمى ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمىمۇ مەزكۇر مەھكۇملار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. مەزكۇر مەھكۇملار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، مەھكۇملار سوتتا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھۆكۈم ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ۋە تەيىنلەنگەن ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئائىلىلىرىگە ئۇقتۇرۇلغان. مەھكۇم ئائىلىلىرىگە ھېچقانداق يازما قانۇنىي رەسمىيەت بېرىلمىگەن، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپى كەسكىن رەت قىلىنغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ دېلونىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكى، سوتتا ئارتىلغان «جىنايەت» تە كۆرسىتىلگەن ئاساس ۋە پاكىتلارنىڭمۇ زىددىيەتلىك ۋە تۇتامسىز ئىكەنلىكى، شۇڭا دائىرىلەرنىڭ مەھكۇم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھۆكۈمنامە بېرەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 2017‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئازلىغانلىقى، لېكىن تۇتقۇننىڭ تېخى پەسەيمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، بۇ دېلونىڭ پەقەت ۋەزىپە ئورۇنداش ۋە سان تولدۇرۇش ئۈچۈنلا ياساپ چىقىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.