15-مارت سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 4 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «دەۋر يولىدىكى ياشلار» ناملىق مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتتە ياشلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمدا «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، «شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ تۆت يىل ئىلگىرى يەتتە كىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى، ھازىر ئەزاسىنىڭ 200 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇپ ئۆزىنى يېتىشتۈرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردە ياكى ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن «شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەت-پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا تەييارلانغان مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى، شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نى پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىغا لايىق خىزمەت قىلالايدىغان يېڭى ئەۋلاد ياش ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلدى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى سېپىدە ياشلارنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇڭلاشقا دەۋا سېپىدىكى ياشلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ياشلارنىڭ زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشكە، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى دوكتور جەلال ئەربايمۇ سۆز قىلدى. ئۇ، كەلگۈسىنىڭ ياشلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، دەۋا سېپىدىكى ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىبەت يۈجە تۈرك سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى بۇ ساھەدە يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئابدۇراھمان، تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە كەلگۈسى خىزمەت پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا ياش قىز-ئوغۇللار ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ، ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، ياشلارغا مۇناسىۋەتلىك تەسىرلىك ماقالىلەرنى ئوقۇدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئابدۇسەمى خوتەن، مەردان ئۇيغۇر قاتارلىق 20 نەچچە ياشقا مۇكاپات بېرىلدى، ئۇلارغا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» ئەسلىدە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ياشلار بۆلۈمى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 2018-يىلى ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمى رويخەتكە ئېلىنىپ، قانۇنلۇق مۇستەقىل تەشكىلاتقا ئايلانغان. بۇ تەشكىلات ھازىر بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلارنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش، يېتىشتۇرۇش ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ ھەر خىل-پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.