تۈركىيەنىڭ 9 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 19 پائالىيەتتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، يۇقۇملىنىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلۈرۈشكە تىرشىشتەك قىلمىشلار، تۈركىيەدىكى ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تېخىغىچە خەۋەر ئالالماسلىقى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى قايتا ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن يېڭى ئەۋلات ھەرىكىتى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، دېنىزلى، گەبزە، قارابۈك، كونيا، بالىكەسىر، مالاتيا ۋە چانقىرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىش، كۆرگەزمە ئېچىش، ئاخبارات باياناتى بېرىش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە تۈركىيەنىڭ 9 شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 19 پائالىيەتتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئاڭلىتىلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىستانبۇلدا دوكلات بېرىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەر خىل ئىلمىي ۋە قانۇنىي يوللار بىلەن خەلققە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈشنى ۋەزىپە قىلغان بىر تەشكىلات. بۇ ۋەجدىن يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ، 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان قىزىقىش بەكلا يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبدىن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولدۇق. بىز ‹ئانادولۇ ياشلار تەشكىلاتى› ۋە‹مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى› بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈركىيەنىڭ كونيا ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.»

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.

ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىككى يەردە «چاقچاق ئەمەس ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نامىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە كۆرگەزمە ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئادىل ئەرئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، 22-دېكابىردا تۈركىيەنىڭ مالاتيا ۋىلايىتىدىكى ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىدە «شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي يۈزى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇلدىكى ‹يېڭى ئەۋلات ھەرىكىتى› نىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئەپەندى 14-دېكابىردىن 21-دېكابىرگىچە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، چانقىرى، بالىكەسىر، قارابۈك، دېنىزلى، مانىسا ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدە 14 مەيدانغا يېقىن دوكلات بېرىپ، تۈرك خەلقىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تارتىشقا تىرىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.

بۇ پائالىيەتنى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان ئادالولۇ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جېلىل يىگىت ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دوكلاتنى ئاڭلاپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى. ناھايىتى پايدىلىق بولدى، بىز كۈتكەن مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما بىز شۇنىمۇ ياخشى بىلىمىزكى، بىزلەر بۇنىڭغا قارشى چىقمىساق بۇ زۇلۇم تۈگىمەيدۇ. بىز بۇ خىل پائالىيىتىمىزنى پۈتۈن تۈركىيەدە قانات يايدۇرۇپ، جامائەت پىكرى توپلاپ، ھۆكۈمىتىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ زۇلۇمنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى دوكلات بېرىش ۋە كۆرگەزمە ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن سىرت «كون ت ۋ»، «قانال 34» تېلېۋىزيەلىرى، «يېڭى كۈن» ۋە «مەرھابا» گېزىتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلات بېرىش يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، جازا لاگېرلىرىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرى، ئالىملار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تىزىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىل پائالىيەتلەر تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلمەكچىكەن.