ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز كۈنتەرتىپىگە قويۇشنى تەلەپ قىلدى
2024.12.02
27-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىبراھىم سىدىق باشچىلىقىدىكى 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى دەريا يانىق خانىم، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بۇغرا قاۋۇنجۇ، «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى سەلچۇق ئۆزداغ، «سائادەت» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا قايا ۋە «دەۋا» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلارنى سۇندى. ئاخىرىدا بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇچرىشىشتا ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى ھەيئەت ئەزالىرى نامىدىن سۆز ئېلىپ، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭمۇ قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، ھېچ بولمىسا بۇلارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ھەيئەت نامىدىن ئابدۇلەھەد ئۇدۇن ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى دەريا يانىق خانىم ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتلارنى بەرگەندىن كېيىن، قېرىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن خەلقئارا سورۇنلاردا، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئىلتىماس قىلدى.
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن «بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولدى» دەپ تەكىتلىدى.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى ۋە پارلامېنت ئەزاسى دەريا يانىققا ۋە باشقا 4 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا تاپشۇرغان يازما تەلەپ خېتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز تاپشۇرغان 4 ماددىدىن تەركىب تاپقان تەلەپ خېتىدە، بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۆپ كۈن تەرتىپكە كېلىشى، ئىككىنچىسى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنىڭ كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئۈچىنچىسى، تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇشى، تۆتىنچىسى بولسا تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق».
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا، پارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھەر جەھەتتىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىمىزنى دېدۇق. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بىزنىڭ پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھەر سورۇندا، بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ھەر دائىم تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدۇق. شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنىمۇ ئورۇنلاشقا تىرىشىمىز.»
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىبراھىم سىدىقمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بىرى. ئۇ، 27-نويابىر كۈنى ئەنقەرەگە ئېلىپ بارغان زىيارەتتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا، بولۇپمۇ تۈرك ھەم ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇچرىشىشقا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى يۈسۈپ تۇرسۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى ۋىلدان قادىئوغلۇ ۋە تاشقىي مۇناسىۋەتكە مەسئۇل خادىمى فاتىمە مۇھەممەد يۈسۈپ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان. فاتىمە مۇھەممەد يۈسۈپ بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2019-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 20 ئەتراپىدا دوكلات، 10 قېتىمدەك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى چاقىرغان ھەم بۇ جەھەتتە مەلۇم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.