سەلچۇق ئۆزداغ: «بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز»
2023.06.19

قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى، قۇرۇلتاي ۋەكىلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتا سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇندىن كېيىن پارتىيەسى نامىدىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق ۋەكىللىرى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، ئەلىي ئەكبەر نۇرلۇق ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى مەھمەت ئەلىي ھافىز ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىلەرمۇ ئورۇن ئالغان بۇ ھەيئەت 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى مەزكۇر ئۇچرىشىشتا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن 4 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار يەنە بۇ پارتىيەنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر ھەيئەت سەلچۇق ئۆزداغقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
2019-يىلى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تەرىپىدىن قۇرۇلغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارغان «كېلەچەك» پارتىيەسى بۇ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئورۇن ئالدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ئوچۇق رەۋىشتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بىز ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويالمايمىز. بىز ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئاۋازى، قۇلىقى، ۋىجدانى ۋە كۆزى بولۇشقا تىرىشتۇق. بۇندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز. مەن ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇش، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا قانۇن لايىھەلىرىنى سۇنۇش ئارقىلىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشىمەن» .
بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كېلىۋاتقان سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى ئايرىم قوبۇل قىلدى.ئۇ، ئۆز تەسىراتىنى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆتكۈزگەن سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەردە ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولدۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىدىم، يېمەك مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇيغۇرلار بۇ باي مەدەنىيىتىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگەتسۇن، مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قالسۇن، بۇ ھەقتە پارتىيەمىز ۋە مەن قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىمىز. مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات! » .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى «كېلەچەك» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئەسلەتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىنىڭ شەخسىيىتى نۇقتىسىدىن توختىلىپ، ئۇنى «ئۇيغۇرلارنىڭ سادىق دوستى» دەپ ئاتىدى .
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا بۇ ھەيئەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە كىتابلارنى سەلچۇق ئۆزداغقا تەقدىم قىلدى.
«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پارتىيەنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۈرۈمچى ھەم قەشقەرلەردە رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
«كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر پارتىيە ۋە داۋۇتئوغلۇ ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى دەپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىمىگەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا «كېلېچەك» پارتىيەسىدىن 10 كىشى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، پارلامېنتتا ئورۇن ئالغان. بۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن.