قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ئەرخان ئۇستا 4-ئاۋغۇست كۈنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتىدىكىگە ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەرخان ئۇستا ئەپەندى پېشقەدەم سىياسەتچى بولۇپ، ئۇ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سايلامدا قايتىدىن پارلامېنت ئەزاسىلىققا سايلانغاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم تەرىپىدىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنداقتا ئىيى پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟
«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى پارلامېنتتا ئورۇن ئالغان كۈندىن تارتىپ ھەر يەردە بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا قايتا پارلامېنتقا كىردىڭلار، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچىسىلەر؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەرخان ئۇستا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ناھايىتى نازۇك، كۆڭۈل بۆلمىسەك بولمايدىغان بىر مەسىلىدۇر. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قان ۋە جان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردۇق. ئەپسۇسكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالمىدى. بۇنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھېچقانداق بىر سەۋەب بۇ مەسىلىگە سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ» .
ئەرخان ئۇستا ئەپەندى سايلامدىن كېيىن پارلامېنت ئېچىلغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە پارلامېنتى يېڭىدىن ئىش باشلىغاندىن كېيىنلا مەن ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇمنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى يوللاش دېگەنگە ئوخشاش بەزى تەلەپلىرىمىزنى پارلامېنتقا سۇنماقچىمىز. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھۆكۈمەتكە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز دېمەيمىز، ئەگەر ھۆكۈمىتىمىزنىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىيەسى بولسا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمدە تىجارەت مۇناسىۋىتىنىمۇ داۋاملاشتۇرالايدۇ. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق بار، تۈركىيە خىتايدىن زور سالماقتا مال ئىمپورت قىلىۋاتىدۇ، خىتايغا بولغان ئېكسپورتىمىز ناھايىتى ئاز. شۇڭا بىز خىتاينى رەنجىتىپ قويساق تىجارەت مۇناسىۋىتىمىزگە دەخلى يېتەرمۇ دەپ ئەنسىرىمەسلىكىمىز كېرەك. بىز بۇرۇندىن تارتىپ قەيەردە ئېزىلگەن مىللەت بولسا ئۇلارغا ئىگە چىقىپ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى. بىز بىلەن دىنداش ۋە قېرىنداش بولغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە ئىگە چىقىشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۆپ قېتىم پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويدى، ھۆكۈمەتكە بېسىممۇ ئىشلەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدۇق، ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە سۈكۈتىنى بۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئېنىق ۋە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە ئۈمىدۋار بىز، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قەدەم بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» .
تۈركىيە باشچىلىقىدا 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلدى، بۇ تەشكىلات تېخىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى؟ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ ھەم شۇنداق. بۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەرخان ئۇستا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بۇ مەسىلىدە ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا بۇ تەشكىلاتتىن قارار چىقارغۇزۇش كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش كېرەك. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. بۇ ھەقتە بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا ھەر دائىم ھازىر بىز. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشى كېرەك».
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئەرخان ئۇستا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ياكى بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنداق بىر قارار چىقىرىشقا تىرىشىمىز، ئەگەر ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزەلىسەك پۈتۈن دۇنيادا مۇھىم بىر قارار بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئېغىزىغا قاراۋاتىدۇ. لېكىن ھۆكۈمەت ئاكتىپ ئەمەس. تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ».
بۇ قېتىمقى پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن 44، پارلامېنت ئەزاسى سايلىنىپ پارلامېنتتا ئورۇن ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلار يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنىمۇ باشلىغانىدى. ئەرخان ئۇستا ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇدا بىر قانچە قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.