تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان

0:00 / 0:00

12-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر يىغىندا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان ئىدىم. لېكىن بۇ ‹ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى› نىڭ خىزمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس بىر كومىتېت قۇرۇلمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ كومىتېت شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك» .

بۇ يىل 3-ئىيۇل كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان سەلچۇق تۈركئوغلۇ سۇنغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر كومىتېت قۇرۇلماي، ئەكسىچە «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ناملىق كومىتېت تەسىس قىلىنغانىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بەزى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئۇ، مۇنداق دېگەن: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بار. تۈركىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇڭا ئالدىمىزدىكى يىغىنىمىزدا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ شاھىتلىرى گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمەن».

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزگەنىدۇق. مەن12-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيەدىكى جازا لاگېرلىرى قۇربانلىرى توغرىسىدا بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بەزى تەكلىپلەرنى سۇندۇم. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كومىتېتىمىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقچى. تۈركىيە پارلامېنتى بۇ ھەقتە كەچ قالغان بولسىمۇ بۇندىن كېيىن تولۇقلاشقا تىرىشىمىز» .

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن 12 نەپەر، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن 6 نەپەر، يېشىل سول پارتىيەسىدىن 3 نەپەر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، ئىيى پارتىيەسىدىن 2 نەپەر، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسىدىن 2 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 27 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر كومىتېت تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنىدىكەن.

ئۇنداقتا بۇ كومىتېتنىڭ تارمىقى بولغان «ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىش قىلالامدۇ؟

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ (سولدىن بىرىنچى كىشى)، 2023-يىلى 12-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇ (سولدىن بىرىنچى كىشى)، 2023-يىلى 12-ئۆكتەبىر، ئەنقەرە (RFA/Erkin Tarim)

«كېلەچەك» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ توغرىلىق سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازغان: «تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى بۇرۇنلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى ئۇنداق قىلمىدى. ئەمدىلىكتە بولسىمۇ مەخسۇس بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، پىلانلارنى تۈزىشى ياخشى ئىش. مەزكۇر كومىتېت ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بىز 2018-يىلىدىن تارتىپ بۇ تەلىپىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، ئەپسۇس تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەگەر ھۆكۈمەت توسۇپ قويمىسا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تارمىقىدا يېڭى قۇرۇلغان ‹ئىسلام قورقۇنچى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى› نىڭ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى بىلەن تېخىچە ئالاقە قۇرالمايۋاتقان ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەتەندە تۇرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان كىشىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇلار بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماتېرىيال توپلاپ، دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامېنتقا سۇنسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتقا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ياكى بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەقتە بەكلا كەچ قالدى دەپ ئويلايمەن».